新闻详情

رەقەملىك خەلق پۇلى سىنىقىنى باشلىدى

发表时间:2021-02-07 18:10作者:ئەلكۈيى来源:مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئورگان تورى خەۋىرى


640-24.gif

640-59.png

بۇلتۇر 12-ئايدا 20 مىليون يۈەن رەقەملىك خەلق پۇلى ئىستېمال قىزىل بولىقى تارقىتىلغاندىن كېيىن، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇجۇ شەھىرى يەنە زور مەبلەغ سېلىپ، 2-ئاينىڭ 5-كۈنى 30 مىليون يۈەن رەقەملىك خەلق پۇلى يېڭى يىللىق قىزىل بولىقى تارقاتقان، ھەر بىر قىزىل بولاقنىڭ سوممىسى 200 يۈەن بولۇپ، جەمئىي 150 مىڭ دانە تارقىتىلغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېقىنقى ئۈچ يىلدا سۇجۇ شەھىرى دائىرىسى ئىچىدە بىر قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ نورمال ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش خاتىرىسى بار، نوپۇسى ۋە ۋاقىتلىق تۇرۇشلۇق ئورنى سۇجۇ شەھىرى دائىرىسىدىكى شەھەر ئاھالىلىرى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشسا بولىدىكەن. شەھەر ئاھالىلىرى «سۇ جوۋ» ئەپ دىتالى ياكى جىڭدۇڭ ئەپ دىتالىنى تاللاپ تىزىملاتسا بولىدىكەن، ئالدىن تىزىملىتىش يولى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت نۆلدىن باشلىنىپ، 2-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 24 دە تاقىلىدىكەن.

ھازىرغا قەدەر، سۇجۇ شەھىرىدە سودا ساراي، تاللا بازىرى، تۇرمۇش مۇلازىمىتى ۋە كۈندىلىك پارچە سېتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 16 مىڭ رەقەملىك خەلق پۇلى ئىستېمال قىلىش نۇقتىلىرى بارلىققا كەلگەن.

رەقەملىك خەلق پۇلى دېگەن نېمە؟ تاراتقۇلارنىڭ ئىلگىرى خەۋىرىگە قارىغاندا، رەقەملىك خەلق پۇلى خەلق بانكىسى تارقاتقان رەقەملىك شەكىلدىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇل بولۇپ، بەلگىلەنگەن تىجارەت ئاپپاراتلىرى ئىشلىتىلىشىگە قاتنىشىدىكەن ھەم ئامما بىلەن تېگىشىدىكەن، بۇ پۇل قەغەز پۇل ۋە مېتال پۇل بىلەن تەڭ قىممەتتە بولۇپ، قىممەت ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىي تۆلەم خاراكتېرىگە ئىگە، كونترول قىلغىلى بولىدىغان رەقەملىك پۇل ئىكەن.

ھازىر رەقەملىك خەلق پۇلىنىڭ ئىشلىتىلىش مەقسىتى ئاساسلىقى نەق پۇلنىڭ ئورنىنى ئېلىش ئىكەن. نۆۋەتتە رەقەملىك خەلق پۇلى شېنجېن، سۇجۇ، شيۇڭئەن يېڭى رايونى، چېڭدۇ ۋە كەلگۈسىدىكى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانى ئىچىدە يېپىق ھالەتتە سىناق قىلىنىدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا، يانفوندىن ئايرىلغان كۆرۈنمە كارتا شەكىللىك خەلق پۇلى «قاتتىق ھەميان» يېقىندا شاڭخەيدە تۇنجى قېتىم مەيدانغا كەلگەن. ئىستېمالچىلار كارتىنى ئېلىپ چىقىم تېرمىنالىغا يېنىك سۈركەپ قويسىلا بولىدىكەن، يەنە كارتىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستۈنكى بۇرجىكىدىكى ئېكراندا ئىستېمال سوممىسى، كارتا ئىچىدىكى قالدۇق، چىقىم قېتىم سانى قاتارلىقلارنى كۆرەلەيدىكەن.

گەرچە رەقەملىك قىزىل بولاق پائالىيىتى ئالقىشقا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىمقى رەقەملىك خەلق پۇلى چاغانلىق قىزىل بولاق پائالىيىتى رەقەملىك خەلق پۇلىنىڭ رەسمىي ئىشلىتىلىشكە باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىكەن.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



分享到: