新闻详情

ئىلىمىز 2-ئورۇنغا ئۆتتى

发表时间:2021-02-09 17:19作者:ئەلكۈيى来源:توۋتىياۋ

640-24.gif640-59.png

رەقەملىك ئىقتىساد دەۋرىدە، سۈنئىي ئىدراك، بۇلۇت ھېسابلاش، چوڭ سانلىق مەلۇماتنى يادرو قىلغان ئەقلىي ھېسابلاش ھەر ساھە، ھەر كەسىپ ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەقلىيلىشىشىگە تىرەك بولدى، ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ھېسابلاش كۈچىگە بولغان ئېھتىياجى كۈنسېرى ئاشتى، «ھېسابلاش كۈچى = ئىشلەپچىقىرىش كۈچى» دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.

يېقىندا، لاڭچاۋ ئۇچۇرى دۇنيادىكى داڭلىق پەن-تېخنىكا بازىرى تەتقىقات ئاپپاراتى خەلقئارا سانلىق مەلۇمات شىركىتى (IDC) بىلەن بىرلىشىپ، دۇنيادىكى تۇنجى ھېسابلاش كۈچى كۆرسەتكۈچىنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى «2020-يىللىق دۇنيا ھېسابلاش كۈچى كۆرسەتكۈچىنى باھالاش دوكلاتى» نى ئېلان قىلغان. بۇ جۇڭگو، ئامېرىكا، ياپونىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، ئاۋسترالىيە، بىرازىلىيە، رۇسىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدىن ئىبارەت ئون دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھېسابلاش ئىقتىدارى، ھېسابلاش ئۈنۈمى، قوللىنىش سەۋىيەسى ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنى قوللاشتىن ئىبارەت تۆت نۇقتىدىن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھېسابلاش كۈچى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك باھالاپ چىققان.

IDC ئېلىمىزنىڭ ياردەمچى مۇئاۋىن لىدىرى جوۋ جېنگاڭ دوكلات ئېلان قىلىش مۇراسىمىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: پۈتۈن دۇنيادا رەقەملىشىش ھەسسىلەپ يېڭىلىق يارىتىش باسقۇچىغا كىردى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى داۋاملىق ئۆسىۋاتىدۇ، بەش يىلدىن كېيىن رەقەملىك ئىقتىساد ئاساسلىقى دۆلەتلەرنىڭ پۈتكۈل ئىقتىسادىنىڭ %50تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، ھېسابلاش كۈچى رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىدىكى يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلانماقتا. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھېسابلاش كۈچى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھېسابلاش كۈچى كۆرسەتكۈچى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر بىر نۇقتىنى يۇقىرى كۆتۈرسە، رەقەملىك ئىقتىساد ۋە GDP ئايرىم-ئايرىم %3.3 ۋە %1.8 ئاشىدىكەن.

各国计算力指数及子项评分

ھېسابلاش كۈچى كۆرسەتكۈچى ھېسابلاش كۈچى بىلەن ئىقتىساد، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشىنى باھالايدىغان، ئورتاق تەرەققىياتىنى باھالايدىغان كۆرسەتكۈچ. ئامېرىكا 75 نومۇر بىلەن دۆلەت ھېسابلاش كۈچى كۆرسەتكۈچى بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان، ئېلىمىز 66 نومۇر بىلەن 2-ئورۇندا تۇرغان، ياپونىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 55 نومۇر، 52 نومۇر ۋە 47 نومۇر ئالغان.

2015-يىلىدىكى باھالاش نەتىجىسىگە سېلىشتۇرغاندا، ھېسابلاش كۈچى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئېشىشى ئەڭ تېز بولغان ئۈچ دۆلەت ئايرىم-ئايرىم ھالدا جۇڭگو، فىرانسىيە ۋە ياپونىيە ئىكەن. ئېلىمىز ھېسابلاش كۈچى كۆرسەتكۈچىنى ئۆلچەيدىغان تۆت چوڭ ئۆلچەمدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %30كە يېقىنلاشقان.

AI (سۈنئىي ئىدراك) ھېسابلاش ئىقتىدارى ۋە ئىلمىي ھېسابلاش ئىقتىدارى بىر دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ھېسابلاش ئىقتىدارىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بولۇپ، ئەۋرىشكە دۆلەتلەرنىڭ AI ھېسابلىشىنىڭ ئومۇمىي ھېسابلاش بازىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى 2015-يىلىدىكى %7تىن 2019-يىلى %12كە كۆپەيگەن، مۆلچەرلىنىشىچە، 2024-يىلىغا بارغاندا %23كە يېتىشى مۇمكىنكەن. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئېلىمىزنىڭ تۈرتكىلىك رولى ئەڭ روشەن بولغان، 2015-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە، ئەۋرىشكە دۆلەتنىڭ AI ھېسابلاش بازار چىقىمىنىڭ ئېشىشىدا، دۆلىتىمىز %50كە يېقىن قىسمىنى ئىگىلىگەن، سۈنئىي ئىدراكلىق ھېسابلاشنىڭئېلىمىزنىڭ پۈتكۈل ھېسابلاش ساھەسىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %14كە يەتكەن.

دوكلاتتا تەھلىل قىلىنىشىچە، بۇ ئېلىمىزنىڭ ئىستراتېگىيە قاتلىمىدا سۈنئىي ئىدراكقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ھەمدە كارخانىلارنىڭ سۈنئىي ئىدراكنى تەرەققىيات پۇرسىتى دەپ بىلىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن. سانلىق مەلۇماتلارنىڭ كۆپىيىشى ۋە ھېسابلاش ئۇسۇلىنىڭ كۈنسېرى مۇرەككەپلىشىشىگە ئەگىشىپ، AI ھېسابلاش كۈچى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدىكەن.

ئېلىمىز بىلەن ئامېرىكىنىڭ پەرقى ئاساسلىقى ھېسابلاش ئۈنۈمى ۋە قوللىنىش سەۋىيەسى جەھەتتە ئىپادىلىنىدىكەن، لېكىن ئېلىمىزبۇلۇت ھېسابلاش بازىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى ھەمدە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، نەرسە تورى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن تېخنىكىلارنىڭ ھەرقايسى كەسىپلەرگە تېز سىڭىپ كىرىشىگە ئەگىشىپ، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا ئېلىمىزنىڭ چوڭ قىسمەن كۆرسەتكۈچلىرىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئامېرىكىدىن يۇقىرى بولغان، IDCنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئېلىمىز بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئومۇمىي ھېسابلاش كۈچى كۆرسەتكۈچىنىڭ پەرقى كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا يەنىمۇ كىچىكلەيدىكەن.

بۇ قېتىمقى باھالاشتا، دۇنيا بويىچە ھېسابلاش سەۋىيەسى ئالدىنقى بەش ئورۇندا تۇرىدىغان كەسىپلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالاقە تورى، ياسىمىچىلىق، پۇل مۇئامىلە، ھۆكۈمەت ۋە تېلېگراف قاتارلىقلار ئىكەن. ياسىمىچىلىق دۇنيا بويىچە ھېسابلاش كۈچى سېلىنمىسى ئەڭ چوڭ ئەنئەنىۋى كەسىپ بولۇپ، «ياسىمىچىلىقنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ھېسابلاش كۈچىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى بىردىنبىر يول ئىكەن.

لاڭچاۋ ئۇچۇر مۇئاۋىن لىدىرى جاڭ دۇڭ مۇنداق دېگەن: «جۇڭگودا مۇلازىمېتىر سېتىۋالىدىغان ئىككىنچى چوڭ كەسىپ ياسىمىچىلىق ئەمەس، بەلكى پۇل مۇئامىلە، ئۈچىنچىسى ئالاقە.

دوكلاتتا يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان: ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش ئىستراتېگىيەسىمۇ كارخانىلارنىڭ رەقەملىشىش تىپىنى ئۆزگەرتىشىدە زور تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. IDCنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يېڭى ئاساسىي قۇرۇلۇش بىۋاسىتە تۈرتكە بولىدىغان ICT (ئۇچۇر ۋە ئالاقە تېخنىكىسى) سودا پۇرسىتى بىر تىرىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە 2020-يىلى جۇڭگو سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىش كۆلىمى 150 مىليارد يۈەنگە يەتكەن.

IDCنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2023-يىلغا بارغاندا، دۇنيادىكى %65 ئىشلەپچىقارغۇچىلار نەرسە تورى ۋە قۇرۇلما ئۆگىنىش سانلىق مەلۇماتلىرىدا ماشىنىلىق ئۆگىنىش (机器学习) قوللىنىشچان پىروگراممىلىرىنى ئىشلىتىپ، كەم دېگەندە %10 تىجارەت چىقىمىنى تېجەپ قالىدىكەن.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟







分享到: