新闻详情

سپىنكس قازا قىلدى

发表时间:2021-02-10 12:27来源:توۋتياۋ

640-24.gif640-59.png


ئەڭ يېڭى خەۋەرگە قارىغاندا، سابىق دۇنيا ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكس شاھى لېئون سپىنكس مەزى بېزى راكى قاتارلىق كېسەللىكلەر بىلەن بەش يىل كۈرەش قىلغاندىن كېيىن، كۈچلۈك رەقىبىنى يېڭەلمەي، بەختكە قارشى 67 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. سپىنكسئالەمدىن ئۆتكەندە، ئۇنىڭ ئايالى برېندا گرۇل سپىنكس يېنىدا بولغاچقا، بۇ رىۋايەتلىك بوكس ماھىرى يالغۇزلۇق ھېس قىلمىغان. بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەقەت ئاز ساندىكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىلا سپىنكسقا ھەمراھ بولۇپ ئەڭ ئاخىرقى مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن.

سپېنكس 1953-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى ئامېرىكىنىڭ مىسسۇرى ئىشتاتىدىكى ساينت لۇئىستا تۇغۇلغان، كېيىن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەترىتىگە كىرگەن، ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن مەزگىلدە كۆزگە كۆرۈنگەن بوكس تالانتى بايقالغان. سپىنكس ئەڭ بۇرۇن 1976-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن مونتىرېئال ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا باش كۆتۈرۈپ چىققان، ئەينى چاغدا شۇ نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا يېنىك ۋە ئېغىر دەرىجىلىكلەر بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن، سپىنكس ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە كۇبالىق سكىستو سورىيانى مەغلۇپ قىلىپ، ئولىمپىك بايرىقى ئاستىدا كۇبا بوكسچىلىرىنى يەڭگەن ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئامېرىكىلىققا ئايلانغان.

1978-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى، پەقەت يەتتە مەيدان مۇسابىقە سەرگۈزەشتىسىگە ئىگە، يەنى ئالتە قېتىم غەلىبە قىلىپ بىر قېتىم تەڭلەشكەن سپىنكس داڭلىق بوكس شاھى ئەلىنى يېڭىپ، دۇنيادىكى يېڭى ئېغىر دەرىجىلىك بوكس شاھىغا ئايلىنىپ، ھازىرغىچە تەۋە دەرىجىسىدە ئەڭ ئاز مەيدان بويىچە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىش رېكورتىنى ياراتقان ھەمدە ئەلى بىلەن ئېلىشىشتىن ئىلگىرى، سپىنكسنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 200 قاداق (90.5 كىلوگرام)تىن تۆۋەن بولۇپ، ئەزەلدىن 202 قاداق (91.5 كىلوگرام)دىن ئېشىپ كەتمىگەن، نەتىجىدە ئۇ دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان.

ئەمما ئۇ ئەلىنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، تېزلا چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن، ئۇ مەشىق قىلىشقا سەل قاراپ ھەر خىل پائالىيەتلەرگە كىرىشىپ، روھىي ھالىتىنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، نەتىجىدە يەتتە ئايدىن كېيىن ئەلى بىلەن بولغان ئىككىنچى قېتىملىق مۇسابىقىدە ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن،سپىنكسنىڭ ئىپادىسى كىشىنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن، ئۇ ئازراق كۈچلۈكرەك بوكسچى بىلەن ئۇچراشقاندا ھەممىسىگە ئۇتتۇرغان، كەسپىي ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگەندە ياش بوكسچىلارنىڭ قۇم خالتىسى بولۇپ قالغان، 1995-يىلى 42 يېشىدا ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىنى تاماملىغاندىن كېيىن، سىپىنكس چېكىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، پۈتكۈل كەسپىي نەتىجىسى 26 مەيدان غەلىبە، 17 مەيدان ئۇتتۇرۇش، ئۈچ مەيدان تەڭلىشىش، 14 قېتىم رەقىبىنى KO قىلىش بولغان.

بوكسچىلىقتىن چېكىنگەن سپىنكسنىڭ كۈنلىرى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان، ئۇ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئۆيىنى سېتىشقا مەجبۇر بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باش قىسمىدا كېسەللىك ئاسارىتى قېلىپ تۇرمۇشى ناھايىتى قىيىنلاشقان.

2011 ـ يىلى سپىنكس لاسۋېگاسقا كۆچۈپ كەلگەن، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ غەمخورلۇقىدا تۇرمۇشى كۆپ ياخشىلانغان، ئادەتتە بىر قىسىم قۇتقۇزۇش پۇلى ئالغاندىن باشقا، يەنە بوكس مەستانىلىرى ئۈچۈن ئىمزا قويۇش، خاتىرە بۇيۇملىرىنى سېتىش ئارقىلىق كۈن ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، سپېنكس يەنە 2011-يىلى يېڭى مۇھەببەتنى كۈتۈۋالغان، دوستلىرىنىڭ گۇۋاھلىقىدا ئۇ ئۆزىنىڭ كۆپ يىللىق ھەمراھى برېندا گرۇل سپېنكس بىلەن كىچىك تىپتىكى توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.

2014-يىلى سپىنكسنىڭ قورسىقى بىئارام بولغان، نەتىجىدە مەزى بېزى راكى دەپ دىياگنوز قويۇلغان، ئۇنىڭدىن بۇرۇن 2012-يىلى سپىنكسقا مېڭە يىگىلەش دەپ دىياگنوز قويۇلغان. 2019-يىلى يىل ئاخىرىدا تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سىپىنكسنىڭ راك كېسىلى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟






分享到: