يۇرتىغا قايتقانلارغا قالايمىقان تەلەپ قويۇشقا بولمايدۇ发表时间:2021-02-10 16:18来源:خەلىق تورى «يۇرتىغا قايتقان ئاممىغا قالايمىقان تەلەپ قويۇشنىڭ ئۆزى قالايمىقان ئىش قىلغانلىق» − گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى 4-فېۋرال ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئالاقىدار تارماقلار «قاتلاممۇ قاتلام تەلەپ قويۇش» ھادىسىسىنى يەنە بىر قېتىم تەنقىد قىلدى. بەزى جايلاردا، يەنىلا مەجبۇرىي ئايرىۋېتىش، ئائىلىدە ساغلاملىقنى كۆزىتىشتە قالايمىقان پېچەت چاپلاش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت، تۈرلۈك «بىر تاياقتا ھەيدەش» ئۇسۇلى يۇرتىغا قايتقان خادىملارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ ئەيىبلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە ھەم ئىلمىي، دەل جايىدا بولۇش، ھەم ئىللىقلىقنى يوقاتماسلىق كېرەك. ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش نامى بىلەن ئاددىي، قوپال تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مەسئۇلىيەت ۋە بېسىمنى ئاممىغا ئىتتىرىپ، قاتلاممۇقاتلام «تەلەپ قويۇش » ئەمەلىيەتتە مەسئۇلىيەتتىن قېچىش، ھۇرۇنلۇق قىلىش، مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرگەنلىكتۇر. چاغاننىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، قالايمىقان تەلەپ قويۇش، قالايمىقان ئىش قىلىش ھادىسىلىرىنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ۋاقتىدا تۈزىتىپ، توسالغۇلارنى ئۈزلۈكسىز تۈگىتىپ، يۇرتىغا قايتقان ئاممىنىڭ جەم بولۇش يولىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. 来源:爱酷艺 监制:麦麦提江 审稿:阿米娜 稿子:乃扎尔 制作:张伟 |