新闻详情

خەلىق پۇلى ئىلىشنى رەت قىلىشقا بولمايدۇ

发表时间:2021-02-10 16:22作者:ئەلكۈيى来源:خەلىق تورى


640-24.gif640-59.png


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇلازىمەتنىڭ كەڭ قوللىنىلىشى ئاممىنىڭ تۇرمۇش، ئىستېمال ئۇسۇلىنى چوڭقۇر، سىجىل ئۆزگەرتمەكتە، بولۇپمۇ كۆچمە چىقىم قىلىشنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، نەق پۇلسىز چىقىم قىلىش نۇرغۇن سودىگەرلەر ۋە ئىستېمالچىلار ياخشى كۆرىدىغان چىقىم قىلىش ۋاسىتىسىگە ئايلاندى. لېكىن، بەزى سودىگەرلەر، ئاپپاراتلار قاتارلىق بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ نەق پۇل كىرىم-چىقىم قىلىش جەريانىدىكى مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىگە قارىتا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تونۇش پەرقى مەۋجۇت ياكى تەننەرخنى كونترول قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نەق پۇل ئېلىشنى خالىماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار مەۋجۇت بولۇپ، نەق پۇل چىقىم قىلىشقا تايىنىدىغان بەزى ئىستېمالچىلارغا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلدى.

  نۆۋەتتە ئېلىمىزدە تەخمىنەن %13 ئاھالە ئاساسلىقى نەق پۇل ئارقىلىق چىقىم قىلىدۇ. خەلق پۇلىنىڭ ئوبوروت تەرتىپىنى قوغداش، ئاممىنىڭ نەق پۇل ئىشلىتىش ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىناق نەق پۇل ئوبوروت مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن، جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا خەلق پۇلىنىڭ نەق پۇل كىرىم-چىقىم ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئېلانى چىقاردى. ئېلاندا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خەلق پۇلى دۆلىتىمىزنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇلى، خەلق پۇلىنىڭ نەق پۇل تۈرى − ئېلىمىز چېگرىسى ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق چىقىم ۋاستىسى بولۇپ، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ نەق پۇل ئېلىشنى رەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، تۈرلۈك سۇبيېكتلار ئاممىنىڭ چىقىم قىلىش ئۇسۇلىنى تاللاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، نەق پۇل كىرىم-چىقىم يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئاممىنى قانۇنلۇق بىخەتەر بولغان نەق پۇلسىز چىقىم قىلىش قورالى بىلەن تەمىنلەشكە بولىدۇ، ئىستېمال ۋە چىقىم قىلىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشتا ئوبوروت مۇھىتىنى راۋانلاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق بولۇش، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، كەمسىتىش ياكى قولايلىق بولمىغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ نەق پۇل چىقىمىنى چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئامما ياكى ئىستېمالچىلار ناۋادا نەق پۇل ئېلىشنى رەت قىلىش ياكى كەمسىتىش، نەق پۇلنى چەتكە قېقىش دېگەندەك قىلمىشلارنى بايقىسا، مۇناسىپ دەلىل-ئىسپات ياكى يىپ ئۇچىنى مۇۋاپىق ساقلاپ قېلىپ، شەھەر مەمۇرىيىتى قىزىق لىنىيەسى، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، پۇل مۇئامىلە ئىستېمال ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قاتارلىق تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئەرز قىلىشى، پاش قىلىشى كېرەك، خەلق بانكىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بۇ خىل ۋەقەلەرنى ئۆز ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىدۇ.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟








分享到: