新闻详情

كىم بوكيوڭ راك كېسىلى سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى

发表时间:2021-02-10 17:48作者:ئەلكۈيى来源:سىنا

640-24.gif640-59.png

«دوست» (朋友)، «مەيىن شامالدا چىققان ئاي» (清风明月)، «كىچىك كېلىن» (小小新娘) قاتارلىق كىنولاردا رول ئالغان كورېيە سەنئەتكارى كىم بوكيوڭ (金甫京) مۇشۇ ئاينىڭ 2-كۈنى راك كېسىلى سەۋەبىدىن 44 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

كىم بوكيوڭ سېئول سەنئەت داشۆسىنىڭ دىرامما كەسپىنى پۈتتۈرگەن، 2001-يىلى چوڭ ئېكران فىلىمى «دوست» بىلەن كەسپى ھاياتىنى باشلىغان، ئۇنىڭغا 11 يىل ئاۋۋال جىگەر راكى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغاندىن تارتىپ داۋالىنىپ كەلگەن، بۇ ئارىدا KBS تېلېۋىزىيەسىنىڭ «Amore Mio» ۋە MBC تېلېۋىزىيەسىنىڭ «بەلكىم سۆيگەندۇ» (也许爱过吧) ناملىق تىياتىرلىرىدا رول ئالغان.

كىم بوكيوڭ 20 يىللىق كەسپى ھاياتىدا رول ئېلىشقا قاتتىق ئىشتىياق باغلىغان، 2010-يىلى جىگەر راكى دىياگنوزى قويۇلغاندىمۇ، ھېچنېمىدىن ۋاز كەچمەي داۋاملىق تىرىشقان. بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، كىنو مەستانىلىرى ئۇ قاتناشقان داڭلىق ئەسەرلەردىن ئۇنىڭ سىيماسىنى ئىزدەيدۇ.


分享到: