新闻详情

شىنجاڭلىق پۇتبولچىلار

发表时间:2021-02-10 18:48作者:ئەلكۈيى来源:توۋتىياۋ

640-24.gif640-59.png


شىنجاڭ پۇتبولچىلىقى توغرىسىدا گەپ بولغاندا، سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپىنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ، بۇ مەكتەپنى سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتى ھەر يىلى مەبلەغ چىقىرىپ قوللىغان.

سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتى ھەر يىلى شىنجاڭ سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپىگە 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، تاللانغان 50 ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش، مەشىق قىلىش ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىشىغا ئىشلىتىدۇ. بۇ مەكتەپكە تاللانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى 12 ياشتىن تۆۋەن بولۇپ، شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارىسى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تاللاپ قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، ئۇلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن سىستېمىلىق پۇتبول مەشىقى ۋە مەدەنىيەت ئۆگىنىشىنى قوبۇل قىلىدۇ. سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپىنىڭ قۇرۇلۇشى جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ تېخنىكا ۋە سىياسەت جەھەتتىكى زور قوللىشىغا ئېرىشتى، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن ئىقتىدارى، مەشىقى ۋە ئۆگىنىش نەتىجىسى قاتارلىقلارغا ئاساسەن شاللاپ ۋە تولۇقلاپ، مۇنەۋۋەر پۇتبول ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەيدۇ. تۇنجى بەش يىللىق مەشىق مەزگىلىدىن كېيىن، بۇ مەكتەپ ھەر دەرىجىلىك كەسپىي كۇلۇب، جۇڭگو ياشلار كوماندىسى ۋە دۆلەت كوماندىسىغا ئىختىساس ئىگىلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

ھازىر جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول مۇسابىقىسى، جۇڭگو ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭلىق نۇرغۇن توپچىلار دەل سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپىدىن چىققان.

020420580746000009024061.jpg

يۇقىرىدىكى سانلىق مەلۇمات بولسا، ھازىر جۇڭگونىڭ ھەرقايسى دەرىجىدىكى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىۋاتقان توپچىلارنىڭ تىزىملىكى، بىز پۇتبول سۆيەر ياشلىرىمىزنىڭ بۇ پۇتبولچىلاردىن ئۆرنەك ئېلىپ، شۇلارغا ئوخشاش جۇڭگونىڭ ئەڭ يۇقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىدە ئۆزىنى نامايان قىلىشىنى ۋە دۆلەت كوماندىسىغا تاللىنىپ، دۆلىتىمىز ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟






分享到: