新闻详情

باي بولۇش كۈنى

发表时间:2021-02-10 19:05作者:ئەلكۈيى来源:ۋاقىت تورى

640-24.gif640-59.png





سوڭ شياۋباۋ (宋小宝) رېژىسسورلۇق قىلغان، سوڭ شياۋباۋ، شا يى (沙溢)، ما لى (马丽)، جاڭ يىشەن (张一山) باش رول ئالغان، شاۋ ياڭ (肖央)، ئەللىن ھەمكارلاشقان كومېدىيىلىك كىنو «بېيىش خاتىرىسى» (发财日记) يېڭى تەشۋىق سىن ۋە سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلدى. بۇ كىنو 2-ئاينىڭ 12-كۈنى چاغاندا تېڭشۈن، ئەيچىيى ۋە يوۋكۇ تورىدا قويۇلىدۇ.


«بېيىش خاتىرىسى»دە ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى ئىسلاھات ئېچىۋېتىش ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان، كىنودا ئەر باش رولچى شياۋباۋ ئاكىسى بىلەن بىرلىكتە شەرقىي شىمالدىكى نامرات بىر كەنتتىن ئىقتىسادىي ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغان شېنجېنغا كېلىدۇ. بۇ ئارىدا ئۇلار غەرەزسىزلا ئېچىرقاپ كەتكەن بىر بوۋاقنى بېقىۋالىدۇ، غۇربەتچىلىككە كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقان بۇ ئاكا-ئۇكا بالىنى قانداق بېقىپ چوڭ قىلىدۇ؟

قېرىنداشلار شېنجېندا جان تىكىپ ئىگىلىك تىكلەۋاتقان ياش قىز ما لۇ بىلەن «تار يولدا ئۇچرىشىپ قالىدۇ»، بىردەم كۈلدۈرۈپ بىردەم يىغلىتىدىغان، مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان «بېيىش خاتىرىسى»نىڭ سەھىپىسى مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ. ئەگرى-توقاي دەۋر ئۆزگىرىشلىرىدە قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق بۇ بىر نەچچەيلەننىڭ دوستلۇق، قېرىنداشلىق ۋە مۇھەببەتتىكى ئوڭۇشسىزلىقلار ئالدىدا، قىيىن كۈنلەردە بىللە ئۆتۈپ، ئۆم-ئىناق بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇپ قېلىش ھېكايىسى بايان قىلىنىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، رېژىسسور سوڭ شياۋباۋ مىكرو بىلوگدا ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ ئۆزى رول ئالغان چاغانلىق يېڭى كىنو «بېيىش خاتىرىسى»نىڭ چاغاندا توردا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، جاڭ گولى، دېڭ چاۋ، سۇن خوڭلېي، خۇاڭ بو قاتارلىق 30دىن كۆپرەك يېقىن دوستلىرى توردا ئۇنىڭغا مەدەت بەرگەن. ئالدىنقى كۈنى يەنە «كۆڭۈللۈك ئۆتۈش» تېمىسىدىكى يېڭى تەشۋىق سۈرەت ئېلان قىلىندى، سۈرەتتە باش رولچىلار ئوپچە نامايان بولۇپ، «بىر ئائىلە كىشىلىرى»نىڭ بىر نىيەتتە بالا بېقىپ، خۇشاللىققا چۆمگىنىدەك تەنتەنە ئىپادىلەنگەن.

تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئايال باش رولچى ما لى سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسىغا كىرگەندە ھامىلىدار بولۇپ، چوڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ما لىنىڭ ھامىلىدار تۇرۇپ رول ئالغان تۇنجى ئايال باش رولىكەن، كىنو قويۇلۇش ئالدىدا ئۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا مۇنداق دەپ يوللىغان: «تۇغما تالانت، چاغاندا نامايان بولۇر!».


分享到: