新闻详情

يىڭى يىللىقSUV ئاپتوموبىللىرى

发表时间:2021-02-14 11:32作者:ئەلكۈيى来源:تىڭشۈن تورى

640-24.gif640-59.png



ياپونىيە ماركىلىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ يىل بازارغا سېلىنىدىغان سەككىز خىل SUV ئاپتوموبىل قىسمەن ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرىغا نىسبەتەن ئىنتايىن تونۇش، ئەمما يەنە بىر قىسىم ماشىنا ھەۋەسكارلىرى بەك چۈشىنىپ كەتمەيدۇ، ئاساسىي ئاپتوموبىل تىپلىرى يەنىلا تويوتا، خوندا، نىسسان. يېڭى ئاپتوموبىلنىڭ يېتىپ كېلىشىلا ئەمەس، يەنە ئارىلاش ھەرىكەتلەندۈرۈش نۇسخىسىمۇ بار، بۇ يىلقى تاللاش يەنىلا ئىنتايىن مول.

تويوتا بۇ يىل ئەڭ يېڭى خايلاندېر ۋە خان تاجى لۇفاڭ، يېڭى نۇسخىدىكى C-HR ۋە يېڭى نۇسخىدىكى ئىزوئانى چىقىرىدۇ، تويوتا جەمەتىدىكى «قېرىنداش ئاپتوموبىل تىپلىرى»، ئىلگىرى ناھايىتى يۇقىرى دىققەتكە سازاۋەر بولغان، خايلاندېر چوڭ ئۆزگەرتىشكە دۇچ كەلدى، ھازىرقى نۇسخىسىنىڭ سودا پۇرىقى كۈچلۈك، ئاخىرى مودا ياش ئۇسلۇبنى كۈتۈۋالدى.

يېڭى نۇسخىدىكى C-HR ۋە يېڭى نۇسخىدىكى ئىزوئا (يىزې) 2018-يىلى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، پۈتكۈل ئىنكاسلار يامان ئەمەس بولدى، يېڭى نۇسخىسىدا ئاساسلىقى 2.0Lلىق ئارىلاش ھەرىكەتلەندۈرگۈچلۈك تىپىنى چىقارغان، قۇۋۋىتى 184 ئات كۈچى، ماي سەرپىياتى تۆۋەنلەيدۇ، ئائىلىدە ئىشلىتىشتە يەنىلا ئىنتايىن ئىقتىسادچىل.

خوندا برىز PHEVنى چىقىرىدۇ، برىز گۇاڭچى خوندانىڭ يېڭى ئاپتوموبىل تىپىغا تەۋە، بازارغا سېلىنغان ۋاقتى ئۇزۇن ئەمەس، PHEV نۇسخىسىنىڭ ماي سەرپىياتى جەھەتتە تېخىمۇ تۆۋەن، ئىقتىدار ھەرىكەتلەندۈرۈش كۈچى ئادەتتىكى يېقىلغۇلۇق نۇسخىسىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك، ئۇزۇن ۋاقىت ھەيدەيدىغانلارغا نىسبەتەن يامان ئەمەس تاللاش، ئىگىلىنىشچە، ماي سەرپىياتى 1.2L ئەتراپىدا ئىكەن، توكقا چېتىلىدىغان ئارىلاش ھەرىكەتلەندۈرگۈچلىكى يېقىلغۇلۇقتىكى كەمچىلىكنى تولۇقلىغان، ئەلۋەتتە بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، سېتىلىش باھاسى 250 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن.

نىسسان ئەڭ يېڭى چىجۈن ۋە Ariyaنى چىقىرىدۇ، چىجۈن چوڭ ئۆزگەرتىلگەن تىپى، نۆۋەتتە چەتئەلدە قىسمەن رايونلاردا بازارغا سېلىندى، دۆلىتىمىزدە بۇ يىل نۇرغۇن ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرى دىققەت قىلدى، ئەڭ يېڭى تاشقى قىياپەت تېخىمۇ مەردانىلاشقان، ماشىنا بېشىدىكى چوڭ چىراغدا بۆلەكلىك لايىھە قوللىنىلغان. ئەمما ئەڭ يېڭى چىجۈندە 1.5Tلىق ئۈچ سىلىندىرلىق تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق ماتور چىقىرىلىدۇ، بۇنى قوبۇل قىلىش يەنىلا تەس.

نىسسان Ariya يۇقىرى سەپلىمىلىك ساپ توكلۇق SUV ئاپتوموبى، بۇمۇ نىسسان جەمەتىدىكى تۇنجى ساپ توكلۇق SUV ئاپتوموبىل، تاشقى قىياپەتتە دەۋر ھالقىغان ئىلغارلىق تۈسى قوللىنىلغان، ئالدى يۈزىنىڭ پۈتكۈل لايىھەسى كىشىگە تېخنىكىلىق كەلگۈسى تۈس بېرىدۇ، يېپىق شەكىلدىكى سالاسۇن لايىھەسى، ئىنچىكە ئۇزۇن LEDلىق چوڭ چىراغ گۇرۇپپىسى، ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ يانتۇ دۈمبە ياسىلىش شەكلى، قارا رەڭلىك بېزەك ماسلاشتۇرۇلغان، ناھايىتى سپورتلاشقان.

ئەڭ ئاخىرىدا، يەنە مازدا J59E قاتارلىق بىر قىسىم ئاپتوموبىل تىپلىرى بار، ھەممىسى بۇ يىل 4-ئايدا شاڭخەي ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە ئېلان قىلىنىدۇ، رەسمىي سېتىلىش ۋاقتى 9-ئايدا بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، كونكرېتنى يەنە ئورگان تەرەپ ئېلان قىلغان ئۇچۇردىن بىلگىلى بولىدۇ.



تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟




分享到: