新闻详情

AC مىلان 2:0 سپېزىيا

发表时间:2021-02-14 11:37作者:ئەلكۈيى来源:دوڭچيۇدى

640-24.gif640-59.png



بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەر سائەت 3:45دىكى 2020/2021 مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 22-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئالبېرتو پىككو تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، AC مىلان مېھمان مەيداندا سپېزىيا كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە سپېزىيا مەيدان ۋەزىيىتىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، AC مىلان توپچىلىرى بىر قاپقا دائىرىسىگە بىر قېتىممۇ توپ تېپەلمىدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى توپ كىرگۈزەلمەي، مەيدان نەتىجىسى 0:0 بولۇپ ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە سپېزىيا كوماندىسىدىن ماگىيورى بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى، سپېزىيا كوماندىسىدىن ئېستېۋېزنىڭ پاس بېرىشى بىلەن باستونى بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا سپېزىيا ساھىبخان مەيداندا 0:2 نەتىجىدە AC مىلان كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.


مۇسابىقە باشلىنىپلا ساھىبخان مەيداندىكى سپېزىيا ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، گياسىنىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، ساپونارانىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى چاققانلىق بىلەن توسۇپ چىقىرىۋەتتى، AC مىلان تېز سۈرئەتتە قايتۇرما ھۇجۇم تەشكىللەپ، لېئاۋنىڭ تەپكەن توپىنى مۇداپىئەچىلەر توسۇۋالدى، يەنە بىر قېتىملىق ھۇجۇمدا روماگنولىنىڭ ئۈسكەن كاللا توپى ياندىن چىقىپ كەتتى، سپېزىيا ھۇجۇم تەشكىللەپ، ماگىئورىنىڭ تەپكەن توپى ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى توپ كىرگۈزەلمەي، مەيدان نەتىجىسى 0:0 بولۇپ ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ سىپېزىيا ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، ساپونارانىڭ تەپكەن توپىنى مۇداپىئەچى توسۇۋالدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 56 مىنۇت بولغاندا سپېزىيا بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، سپېزىيا ھۇجۇم تەشكىللەپ، رىچ توپنى ھەيدەپ چەكلەنگەن رايون ئىچىگە بۆسۈپ كىردى، روماگنولى توپنى بۇزغان بولسىمۇ، ماگىئورى قاپقا ئالدىدا توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 67 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا، سپېزىيا يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، سپېزىيا ئىختىيارى توپ پۇرسىتىدە ھۇجۇم تەشكىللەپ، ئېستېۋېزنىڭ پاس بېرىشى بىلەن باستونى چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن توپنى توختاتمايلا قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا سپېزىيا ساھىبخان مەيداندا 0:2 نەتىجىدە AC مىلان كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

021407285548800000013586.jpg


تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟





分享到: