新闻详情

بارسېلونا 1:5 ئالاۋېس

发表时间:2021-02-14 11:47作者:ئەلكۈيى来源:دوڭچيۇدى

640-24.gif640-59.png


بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەر سائەت 4:00دىكى 2020/2021 مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 23-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە نوكەمپو توپ مەيدانىدا باشلاندى، بارسېلونا كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا ئالاۋېس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونادىن ترىنكاۋ بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، مېسسى بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ ئىناۋەتسىز قىلىندى، كەينىدىن مېسسى يىراقتىن بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە بارسېلونانىڭ ئىككى توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ترىنكاۋ بىلەن مېسسى يەنە بىردىن توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى تېخىمۇ چوڭايتتى، فىرپو بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقى يەنىمۇ چوڭايدى، ئالاۋېس كوماندىسىدىن رىئوگا بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا 1:5 نەتىجىدە ئالاۋېس كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

مۇسابىقە باشلىنىپلا ساھىبخان مەيداندىكى بارسېلونا ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، مورىبانىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇۋالدى، ئالاۋېس كوماندىسىدىن باتتاگلىيانىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، مۇسابىقە باشلىنىپ 29 مىنۇت بولغاندا، بارسېلونا بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، بارسېلونا ھۇجۇم تەشكىللەپ، مورىبانىڭ پاس قايتۇرۇشى بىلەن ترىنكاۋ نۇقتا توپ تېپىش ئورنىدىن توپنى توختاتمايلا قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، ئارىدىن يەتتە مىنۇت ئۆتكەندە بارسېلونا ھۇجۇم تەشكىللەپ، مېسسى بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما رىپېر ھۇجۇم جەريانىدا ئورۇن ھالقىغان دەپ ھۆكۈم قىلىپ، كىرگەن توپنى ئىناۋەتسىز قىلدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىش باسقۇچىدا بارسېلونا بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، بارسېلونا ھۇجۇم تەشكىللەپ، مېسسى ئوڭ تەرەپتىن توپنى ھەيدەپ يىراقتىن توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە بارسېلونانىڭ ئىككى توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ مېھمان مەيداندىكى ئالاۋېس ھۇجۇمنى كۈچەيتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 57 مىنۇت بولغاندا، ئالاۋېس بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى، ئالاۋېس تېز سۈرئەتتە قايتۇرما ھۇجۇم تەشكىللەپ، رىئوگا ئۆزى يالغۇز توپنى ھەيدەپ يەكمۇيەك ھالەتتە توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 73 مىنۇتقا قەدەم قويغاندا بارسېلونا بىر توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، بارسېلونا ھۇجۇم تەشكىللەپ، مېسسىنىڭ يەكمۇيەك ھالەتتە تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسقان بولسىمۇ، ترىنكاۋ قايتقان توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، ئارىدىن بىر مىنۇت ئۆتكەندە بارسېلونا ھۇجۇم تەشكىللەپ، مېسسى چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 79 مىنۇت بولغاندا بارسېلونا يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، غەلبىنى مۇقىملىدى، بارسېلونا ھۇجۇم تەشكىللەپ، فىرپو قاپقا ئالدىدا سەپدىشى يەتكۈزگەن پاس توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا 1:5 نەتىجىدە ئالاۋېس كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.



تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



分享到: