新闻详情

ناپولى 0:1 يۇۋېنتۇس

发表时间:2021-02-14 11:50作者:ئەلكۈيى来源:دوڭچيۇدى

640-24.gif640-59.png


بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەر سائەت 1:00دىكى 2020/2021 مۇسابىقە پەسلى ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ 22-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان كۈچلۈكلەر ئۇچرىشىشى سان پاۋلو توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، ناپولى كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا يۇۋېنتۇس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ناپولى نۇقتا توپتىن بىرگە ئېرىشىپ، ئىنسېنى نۇقتا توپنى تېپىپ كىرگۈزۈپ مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ناپولىنىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە يۇۋېنتۇستىن موراتا بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، رىپېر تەرىپىدىن ئىناۋەتسىز قىلىندى، رونالدونىڭ يېقىن ئارىلىقتىن تەپكەن توپى توسۇۋېلىندى، كېيىنكى مىنۇتلاردا ھەر ئىككى كوماندا قاتتىق تىرىشقان بولسىمۇ، مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا يۇۋېنتۇس مېھمان مەيداندا 1:0 نەتىجىدە ناپولىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن ناپولى قاپقىچىسى ئوسپىنا پۇتى ئاغرىغانلىقى سەۋەپلىك ئالماشتۇرىۋىتىلدى، يۇۋېنتۇس ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، رابىئوتنىڭ ئۈسكەن كاللا توپى ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى، رونالدونىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، بېرناردېسچىنىڭ تەپكەن توپى ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 30 مىنۇت بولغاندا، ناپولى بىر توپ كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، ناپولى ھۇجۇم تەشكىللەپ، چەكلەنگەن رايون ئىچىدە يۇۋېنتۇس كاپىتانى چېللىنى قائىدىگە خىلاپلىق قىلدى، رىپېر نۇقتا توپقا ھۆكۈم قىلدى، ناپولىدىن ئىنسېنى نۇقتا توپنى تېپىپ كىرگۈزدى، يۇۋېنتۇستىن رونالدونىڭ تەپكەن ئىختىيارى توپى توساقتىن ئۆتەلمىدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ناپولىنىڭ بىر توپ ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ مېھمان مەيداندىكى يۇۋېنتۇس ئالدى بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتتى، موراتانىڭ ئۈسكەن كاللا توپى ئازراقلا ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى، رونالدونىڭ يىراقتىن تەپكەن توپى توسۇۋېلىندى، يەنە بىر قېتىملىق ھۇجۇمدا رونالدونىڭ يېقىن ئارىلىقتىن تەپكەن توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى، يۇۋېنتۇس داۋاملىق ھۇجۇم تەشكىللەپ، رونالدونىڭ تەپكەن ئىختىيارى توپى ئېگىز ئۆرلەپ كەتتى، چىئېسانىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، مۇسابىقە باشلىنىپ 62 مىنۇت بولغاندا، يۇۋېنتۇس ھۇجۇم تەشكىللەپ، موراتا بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، رىپېر ھۇجۇم جەريانىدا ئورۇن ھالقىغان دېگەن ھۆكۈم بىلەن كىرگەن توپنى ئىناۋەتسىز قىلدى، يۇۋېنتۇس داۋاملىق ھۇجۇم تەشكىللەپ، رونالدونىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، موراتانىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇۋالدى، رونالدونىڭ ئۈسكەن كاللا توپىنىمۇ قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، كېيىنكى مىنۇتلاردا مەيدان نەتىجىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، ئاخىرىدا يۇۋېنتۇس مېھمان مەيداندا 1:0 نەتىجىدە ناپولىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



分享到: