新闻详情

يىڭى يىللىق يىڭى كىنو

发表时间:2021-02-14 12:09作者:ئەلكۈيى来源:تىڭشۈن


640-24.gif640-59.png



«جۇڭگولۇقلار كوچىسىدىكى رازۋېدكا 3» (唐人街探案3)

رېژىسسور: چېن سىچېڭ (陈思诚)

باش رولدا: ۋاڭ باۋچياڭ (王宝强)، ليۇ خاۋرەن (刘昊然)

تۈرى: كومېدىيەلىك، سىرلىق

دۆلەت: جۇڭگو

قۇيۇلغان ۋاقتى: 2021-يىل 2-ئاينىڭ 12-كۈنى

چېن سىچېڭ رېژىسسورلۇق قىلغان، ۋاڭ باۋچياڭ، ليۇ خاۋرەن باش رول ئالغان «جۇڭگولۇقلار كوچىسىدىكى رازۋېدكا 3»نى ئەسلى 2020-يىللىق چاغاندا قويۇش پىلانلانغان بولسىمۇ، ھەرخىل بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، توپتوغرا بىر يىل كېچىكتۈرۈلگەچكە 2021-يىلى يىل بېشىدىكى كىشىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان كىنو بولۇپ قالغان.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى چېن سىچېڭ سۆز قىلىپ، بۇ كىنونى ئەسلىدە چاغان ئۈچۈن ئىشلىگەنلىكى، شۇڭا چوقۇم چاغان مەزگىلىدە قويۇلۇشى كېرەكلىكىدە چىڭ تۇرغان.

ئەمەلىيەتتە جۇڭگولۇقلار كوچىسىدىكى رازۋېدكا يۈرۈشلۈكىنىڭ ئالدىنقى ئىككى بۆلۈمىنى كۆرسەك، كىنودا چاغاننى تەبرىكلەش كەيپىياتىنىڭ ھەقىقەتەن قويۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز.

ھازىر تۇنجى تۈركۈمدىكى كىنو مەستانىلىرى ئاخىرى «جۇڭگولۇقلار كوچىسىدىكى رازۋېدكا 3»نى كۆردى. بىراق تۇنجى تۈركۈمدىكى كۆرۈرمەنلەر قالدۇرۇپ كەتكەن باھا سۆزى ۋە قويغان نومۇرى ھەقىقەتەن ئويلىمىغان يەردىن چىقتى.

تۇنجى مەيدان كىنونى كۆرگەنلەر كىنو ھەۋەسكارلىرى بولۇپلا قالماستىن بەلكى جۇڭگولۇقلار كوچىسىدىكى رازۋېدكا يۈرۈشلۈكىگە قىزىققان ۋە ئۇنىڭغا زور ئۈمىد باغلىغانلار.

ئەمما كۆرۈرمەنلەر بەرگەن باھا سۆزلىرى ۋە قويغان نومۇرى ھەرگىزمۇ كۆزلىگەن نىشانغا يەتمىگەن.

دوۋبەن (豆瓣)دىكى خېلى كۆپ تاماشىبىن «جۇڭگولۇقلار كوچىسىدىكى رازۋېدكا 3» ناملىق كىنوغا بىر-ئىككى يۇلتۇزلۇق ناچار باھا بەرگەن. تېخىمۇ مۇھىمى، ناچار باھا بەرگەن تاماشىبىنلارنىڭ سەۋەبى ئوخشاش.

ئالدى بىلەن كىنودا ئېلان بەك كۆپ. ئەمما پەقەت مۇشۇ بىرلا كەمچىلىك بولغان بولسىغۇ كۆپچىلىكنىڭ مۇنازىرە ئوبېيكتى بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالمايتتى، نېمىلا دېگەن بىلەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سودا فىلىملىرىگە ئېلان كىرگۈزۈش ئاللىقاچان كىچىك ئىش بولۇپ قالغان.

ناچار باھالارنىڭ 2-سەۋەبى: «جۇڭگولۇقلار كوچىسىدىكى رازۋېدكا 3» كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئۇسسىغان يېرىگە بارمىغان. بەك مۇبالىغىلەشتۈرۈۋېتىلگەن، ۋەقەلىكمۇ ئۆز پېتى كۆچۈرۈپ كېلىنگەن.

نۇرغۇن كىشىلەر بۇ كىنوغا «قىزىقارلىق» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن. ئەمەلىيەتتە، جۇڭگولۇقلار كوچىسىدىكى رازۋېدكا يۈرۈشلۈكىدىكى مەزمۇنلارنى ئەسلىدىنلا لوگىكىلىقى پۇختا دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. شۇنداق بولسىمۇ تاماشىبىنلار يەنىلا 3-بۆلۈمىنى قىزىقارلىق دەپ باھالىغان. بۇنىڭدىن ئەسەرنىڭ سېنارىيەسىدە ھەقىقەتەن چوڭ مەسىلە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

گەرچە «جۇڭگولۇقلار كوچىسىدىكى رازۋېدكا 3»كە بېرىلگەن باھالار كۆپچىلىكنى رازى قىلالمىسىمۇ، لېكىن جۇڭگولۇقلار كوچىسىدىكى رازۋېدكا يۈرۈشلۈكىنىڭ سادىق مەستانىلىرى ۋە تەشۋىقات سالمىقىغا تايىنىپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلىشى مۇمكىن.

گەرچە تۇنجى كۈنلۈك بېلەت كىرىمى بىر مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يەككە كۈنلۈك بېلەت كىرىمىدە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا ئۆتۈپ چېمپىيون بولغان بولسىمۇ، بېلەت كىرىمى چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش-كەلتۈرەلمەسلىكتە ئوخشاش مەزگىلدىكى باشقا ئەسەرلەرگە ۋە ئاخىرىقى ئومۇمىي بېلەت كىرىمىگە قاراش كېرەك.

«جۇڭگولۇقلار كوچىسىدىكى رازۋېدكا 3»كە راستتىنلا شۇنداق باھا بېرىش كېرەكمۇ؟ ئەلۋەتتە، بىزمۇ كىنونى كۆرگەندىن كېيىن بۇ توغرىسىدا چوڭقۇر چۈشىنىشكە ئىگە بولىمىز.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟





分享到: