新闻详情

قوي گۆشى ئىستىمال قىلغاندا

发表时间:2021-02-14 12:52作者:ئەلكۈيى来源:ئۈندىدار سالونى

640-24.gif640-59.png


قىشتا قوي گۆشى يېسە بەك تېتىيدۇ، لېكىن قوي گۆشىنى بۇ بەش يېمەكلىك بىلەن بىللە يېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

1.كاۋا بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ

جۇڭگو تېبابىتىدە قوي گۆشى كاۋا بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ، دەپ قارىلىدۇ. چۈنكى كاۋا بىلەن قوي گۆشى تەبىئىتى مۆتىدىل يېمەكلىك بولغاچقا، بىللە ئىستېمال قىلسا ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدۇ. ئوخشاشلا، قوي گۆشىنى پىشۇرغاندا ئامال بار مۇچ، زەنجىۋىل قاتارلىق قۇرۇق ئىسسىق تېتىتقۇلارنى ئاز سېلىپ، بەدەندىكى جىگەرنىىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

2.چاي بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ

قوي گۆشى تەركىبىدە مول دەرىجىدە ئاقسىل بار، چاي تەركىبىدە كۆپ مىقداردا تاننىك كىسلاتاسى بار، چاي بىلەن قوي گۆشى بىللە ئىستېمال قىلىنسا، تاننىك كىسلاتا ئاقسىلى ھاسىل بولىدۇ. بۇ ئاقسىللار ئاشقازان-ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، چوڭ تەرەتتىكى سۇ مىقدارىنى ئازايتىۋېتىدۇ، بۇنداق بولغاندا كىشى ئاسانلا قەۋزىيەت بولۇپ قالىدۇ.

3.ئاچچىقسۇ بىلەن تەڭ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ

قوي گۆشىنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ، ئىسسىقلىق تولۇقلاش رولىنى ئوينايدۇ. چۈچۈمەل ئاچچىقسۇنىڭ قورۇش (توقۇلمىلارنى قىسىارتىش) رولى بار، كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلغاندا ئاشقازان، ئۈچەينى زەخىملەندۈرۈپلا قالماي، يەنە بەدەندىكى سوغۇق قۇۋۋەتنىڭ پەيدا بولۇشىغا پايدىسىز. قوي گۆشى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلغاندا، قوي گۆشىنىڭ شىپالىق رولى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بولۇپمۇ چۈچۈمەل تەملىك ئاچچىقسۇنىڭ قورۇش ئۈنۈمى تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا قوي گۆشى يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلار بۇ نۇقتىغا تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك.

4. تاۋۇز بىلەن تەڭ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ

تاۋۇزنى قوي گۆشى بىلەن بىللە ئىستېمال قىلغاندا، قوي گۆشىنىڭ قۇۋۋەت تولۇقلاش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتدۇ. چۈنكى قوي گۆشى تاتلىق ھەم ئىسسىق، ئەكسىچە تاۋۇز سوغۇققا مايىل بولغاچقا، ئىككىسىنى بىللە ئىستېمال قىلغاندا، قوي گۆشىنىڭ ئىسسىقلىق تولۇقلاش ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، سوغۇق ۋە ئىسسىق يېمەكلىكلەر ئاشقازاننى ناھايىتى ئاسانلا غىدىقلاپ، ئاشقازان ۋە ئۈچەيگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئىچ سۈرۈش، قورساق ئاغرىش قاتارلىق ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

冬天吃羊肉香喷喷,可这5大禁忌你要了解一下

5. بەزى بىمارلار قوي گۆشى ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ

ئەگەر دائىم ئاغزى شەلۋەرەش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش ئالامەتلىرى بار بىمارلار ياكى تىزغا (ئۆسۈملۈك)، تاش ئېگىر (ئۆسۈملۈك) قاتارلىق جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى ئىچىۋاتقانلار قوي گۆشى ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، يەنە جىگەر ھارارىتى ئېشىپ كەتكەنلەر دائىم قوي گۆشى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.


تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



分享到: