新闻详情

كىچىكىپ قالسا ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قېلىش قانۇنلۇقمۇ؟

发表时间:2021-02-14 13:44作者:ئەلكۈيى来源:توۋتىياۋ

640-24.gif640-59.png

خىزمەتچىلەرنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش ئۈچۈن، شىركەت دائىم نۇرغۇن قائىدە ـ تۈزۈملەرنى تۈزۈپ خىزمەتچىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى چەكلەيدۇ. مەسىلەن، كېچىككەندە مائاشى تۇتۇپ قېلىنىدۇ. كۆپ ساندىكى شىركەتلەردە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بەلگىلىمە بار. خىزمەتچىلەر بۇ قانۇن ـ نىزاملارنى نورمال، مۇۋاپىق ۋە قانۇنلۇق دەپ قارايدۇ. ئۇنداقتا كېچىكىپ قالسا مائاشىنى تۇتۇپ قېلىش ئەھۋالى ھەقىقەتەن قانۇنلۇقمۇ؟

قانۇنلۇق شىركەت قائىدە ـ تۈزۈمى ياكى قانۇن كېلىشىمى بولمىسىلا، مائاشنى تۇتۇپ قېلىش قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس.

شىركەت قانداق ئەھۋالدا مائاشنى تۇتۇپ قالسا بولمايدۇ؟ قانداق ئەھۋالدا مائاش تۇتۇپ قىلىنىدۇ؟

بىرىنچى، شىركەتنىڭ جەرىمانە قويۇش ھوقۇقى يوق، جەرىمانە قويۇش شەكلىدە مائاشىنى تۇتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ

دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق خۇسۇسىي مال ـ مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىشقا بولمايدۇ. جەرىمانە پۇقرالارنى مال ـ مۈلۈك ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. شۇڭا، مال ـ مۈلۈك جازاسى قانۇن، نىزام ۋە قائىدىلەر بويىچە بەلگىلىنىدۇ. دېمەك، جەرىمانىنى دۆلەتنىڭ مەمۇرىي ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان مەمۇرىي ئورگانلار ياكى قانۇندا ھوقۇق بېرىلگەن مەمۇرىي ھوقۇق يۈرگۈزىدىغان ئاپپاراتلارلا يۈرگۈزىدۇ.

پايدا ئالىدىغان ئىقتىسادىي تەشكىلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىركەتنىڭ خادىملارغا جەرىمانە قويۇش ھوقۇقى يوق. شۇڭا، خىزمەتچىلەر كېچىكىپ قالغانلىقى ئۈچۈن شىركەت تەرىپىدىن جەرىمانە شەكلىدە مائاشى تۇتۇپ قىلىنسا بولمايدۇ.

ئىككىنچى، ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قېلىشقا بولمايدىغان باشقا ئەھۋاللار

«ئەمگەك قانۇنى»دا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ھەر ئايدا ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى بېرىشى كېرەك، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. لېكىن خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى نامۇۋاپىق تۇتۇپ قېلىش، كېمەيتىش ياكى ئىش ھەققىنى نامۇۋاپىق كەينىگە سۈرۈشىگە ئائىت بەلگىلىمە يوق. يەنە تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان كېچىكتۈرۈش ياكى ئىشقا بارماسلىق سەۋەبىدىن مائاشتىن تۇتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.

ئۈچىنچى، مائاشنى تۇتۇپ قېلىشقا بولىدىغان ئەھۋاللار

1. پۈتۈشكەن ئەھۋال ئاستىدا: شىركەت پەقەت ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى تۇتۇپ قالسا بولىدۇ.

ئەگەر خىزمەتچىلەر بىلەن شىركەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەمگەك توختامىدا كېچىكىپ قېلىش ۋە ئىشقا بارماسلىق سەۋەبىدىن مائاشنى تۇتۇپ قېلىش كېلىشىمى بولسا، شىركەت ئەمگەك توختامىغا ئاساسەن قانۇن يول قويغان دائىرىدە قىسمەن مائاشنى تۇتۇپ قېلىش ئارقىلىق (مەسىلەن، قانچە قېتىم كېچىكىپ قالسا تولۇق ئىشقا چىقىش مۇكاپاتىنى تۇتۇپ قېلىش بەلگىلىمىسى، لېكىن ھەرگىزمۇ كېچىكىپ قالسا مائاشنى بىۋاسىتە تۇتۇپ قېلىش ئەمەس) خىزمەتچىلەرنىڭ كېچىكىپ قېلىش قىلمىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادىي زىياننى تولۇقلاشقا ھوقۇقلۇق.

شىركەت قائىدە ـ تۈزۈم ياكى مۇكاپاتلاش ـ جازالاش تەدبىرلىرىنى تۈزگەندە، مەزمۇنى قانۇنلۇق بولۇپلا قالماي، تەرتىپىمۇ قانۇنلۇق بولۇشى، ئەقىلگە مۇۋاپىق بولۇشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقا قانۇن ـ نىزاملارغا خىلاپلىق قىلماسلىقى كېرەك. بۇ شەرتلەرنى قاندۇرغاندىلا، شىركەت باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ خىزمەتچىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرالايدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، كېچىكىپ تۇتۇپ قېلىنغان مائاش شىركەتنىڭ قائىدە ـ تۈزۈملىرىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، مۇۋاپىق دائىرىدىن ھالقىپ كەتمەسلىكى كېرەك، توختامغا خىلاپلىق قىلىش ياكى ئەمگەك ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىشنى باھانە قىلىپ، مائاشنى جازالاش شەكلىدە تۇتۇپ قېلىش قانۇنغا خىلاپ.

2. شىركەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەھۋال ئاستىدىكى ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قېلىش ئەھۋالى:

(1) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرىدىغان شەخسىي تاپاۋەت بېجى؛

(2) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرىدىغان ئەمگەكچىلەر ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى ۋە تۇرالغۇ جامائەت فوندى؛

(3) سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى ياكى كېسىمىدە ۋاكالىتەن تۇتۇپ قېلىش تەلەپ قىلىنغان بېقىش خىراجىتى، قاراش خىراجىتى، يار ـ يۆلەك بولۇش خىراجىتى؛

(4) ئەمگەكچىنىڭ سەۋەبىدىن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىغان بولسا.

تۆتىنچى، مائاشتىن قانچە پۇل تۇتۇپ قېلىشقا بولىدۇ؟

ئەگەر خىزمەتچىلەر شىركەتكە ئىقتىسادىي زىيان سالسا، شىركەت خىزمەتچىلەردىن ئەمگەك توختامىغا ئاساسەن ئىقتىسادىي زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئىقتىسادىي زىيان تۆلەم پۇلىنى خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىدىن تۇتۇپ قېلىشقا بولىدۇ. لېكىن، ھەر ئايدا تۇتۇپ قېلىنىدىغان سومما خىزمەتچىلەرنىڭ شۇ ئايلىق مائاشىنىڭ %20ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

ئەگەر تۇتۇپ قىلىنغاندىن كېيىنكى ئېشىپ قالغان مائاش شۇ جاينىڭ ھەر ئايلىق ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولسا، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى بويىچە بېرىلىدۇ.


تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟





分享到: