新闻详情

2021-يىللىق ئالقىشلانغان كلاسسىك ئوبرازلا

发表时间:2021-02-14 13:49作者:ئەلكۈيى来源:توۋتىياۋ

640-24.gif640-59.png

2021-يىللىق ئالقىشلانغان كلاسسىك ئوبرازلارنى باھالاش پائالىيىتى قىزغىن ئېلىپ بېرىلماقتا. مىكرو بىلوگ، دوۋبەن ۋە جىخۇ قاتارلىق ھەر قايسى سۇپىلاردىكى كۆرۈرمەنلەر يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا قويۇلغان نادىر كىنو-تىياتىرلاردىكى ئالقىشلىق ئوبرازلارنى باھالاپ، ئۇ ئوبرازلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ياراتقان چولپانلارغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرمەكچى بولغان.

باھالاش دائىرسىگە يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا قويۇلغان كىنو ۋە تىياتىرلاردىكى ئالقىشلىق ئوبرازلار كىرگۈزۈلگەن، ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە تورداشلارنىڭ بېلەت تاشلىشى ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ. بېلەت تاشلاش ۋاقتى 2-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە. كىلاسسىك ئوبرازلارنى باھالاش نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەنلەر تۆۋەندىكىچە:

يۈ سىفېڭ (چېڭ يى)، جاڭ باۋچىڭ (ۋاڭ جۈنكەي)، چىن لې (فەن چېڭچېڭ)، لى بى (يىياڭ چيەنشىن)، خەن شو (دىڭ يۇشى)، بەي فېڭجيۇ (دىلرابا)، چۇ شۈەنجى (يۈەن بىڭيەن)، سېڭ مىڭلەن (جاۋ لىيىڭ)، مەن نى (جياڭ شۇيىڭ)

ھازىرغىچە تاشلانغان بېلەت تىزىملىكىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرغانلار تۆۋەندىكىچە:

شېڭ مىڭلەن (جاۋ لىيىڭ)- 369 مىڭ بېلەت

ۋېي ۋۇشيەن (شياۋ جەن)- 320 مىڭ بېلەت

لەن ۋاڭجى (ۋاڭ يىبو)- 311 مىڭ بېلەت

بىر ياخشى تىياتىر ياخشى سېنارىيە ۋە كلاسسىك ئوبرازلاردىن ئايرىلالمايدۇ. كلاسسىك ئوبرازلارنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئارتىسلارنىڭ قالتىس ئورۇنداش ماھارىتىدىن ئايرىلالمايدۇ. كىم قەلبىڭىزدىكى تولۇنئاي، قېنى كىم سىزنى ئەڭ قايىل قىلغان؟ كلاسسىك ئوبرازلارنى بۇ قېتىم سىز بەلگىلەيسىز...


分享到: