新闻详情

ئۇلار بىرلىشىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-01-29 11:22作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

پاراۋانلىق لاتارىيەسى« شادلىق 8» ئويۇنى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، كەڭ لاتارىيە دوستلىرىغا پۈتۈنلەي يېڭى بولغان خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى. بۇ ئۇيۇندا«بىرنى تاللاش» تىن« ئوننى تاللاش» قىچە جەمئىي ئون خىل ئويناش ئۇسۇلى بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان لاتارىيەچى دوستلارنىڭ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى، شۇنداقلا لاتارىيەچىلەرگە تېخىمۇ كۆپ بەخت ۋە خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە«شادلىق 8» بىلەن «بىرلىشىپ سېتىۋېلىش» نى بىرلەشتۈرگەندە، ئاجايىپ گۈزەل ئۇچقۇنلار پەيدا بولىدۇ!

1 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى ئەتىگەندە، تۇرپان شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى تۇنجى «شادلىق 8» ئۇيۇنىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئامەتلىك لاتارىيەچىنى كۈتىۋالدى، بۇ لاتارىيەچى ئا ئەپەندى بىرلىشىپ سېتىۋېلىش ئەتىرىتىنىڭ بىر ئەزاسى بۇلۇپ، كۆپچلىكنىڭ تاللىشى بىلەن ئۇ گۇرۇپپىغا ۋاكالىتەن مۇكاپات نەخلەشتۈرگىلى كەلگەن ئىدى، ئۇلار تەلىيىگە «شادلىق 8» ئۇيۇنى 2021013-قاراردا 52660 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

بۇ قېتىمقى بىرلىشىپ سېتۋېلىشتا ئا ئەپەندى 10 دو لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغان، مۇكاپات چىققاندىن كىيىن ئا ئەپەندى 4787 يۈەنگە ئېرىشتى، ئا ئەپەندى مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندا خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:«بىرلىشىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغان لاتارىيەچى دوستلارنىڭ ھەممىسى مۇناسىپ مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى، بىز مۇكاپات خوشاللىقىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىللە، بىرلىشپ سېتىۋېلىشقا بولغان ئىشەنچىمىز تېخىمۇ ئاشتى، بۇنداق بولغاندا ھەم مەبلەغ سېلىش خەۋپ-خەتىرىنى ئازايتقىلى، ھەم تاللاش دائىرىسىنى كېڭەيتكىلى بولىدۇ، خۇشاللىقمۇ نەچچە ھەسسە ئاشىدۇ!»-دېدى.

ئىگىلىنىشىچە، 65218004 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى تۇرپان شەھىرىدىكى «شادلىق 8» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا بۇ قېتىمقى مۇكاپات چىققان تەلەيلىك پونكىت ئىكەن. بۇ پونكىتتىكى نۇرغۇن سادىق لاتارىيەچىلەر «شادلىق 8» ئۇيۇنىنىڭ ئەھۋالىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. «شادلىق 8» ئۇيۇنى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، بۇ پونكىتتىكى لاتارىيەچىلەر كۆپ قېتىم بىرلىشىپ سېتىۋېلىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان، لاتارىيەچى دوستلارنىڭ ئەڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكىنى «توققۇزنى تاللاش» قايتىلانما دو تىكىش ئۇسۇلى. بۇ لاتارىيە سېتىۋېلىش گۇرۇپپىسى ئالدىنقى بىر نەچچە قېتىملىق بىرلەشمە سېتىۋېلىشتىمۇ ئاز-تۇلا ھوسۇل ئالغان بولۇپ، بۇ قېتىم بىراقلا 52660 يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى. بىرلىشپ سېتىۋېلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرىنىڭ سانى مۇقىم بولمىغاچقا، نومۇرنى تاللاشتىمۇ كۆپچىلىك ئورتاق كېڭىشىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن شۇ مەزگىلدە 18 ئادەم بىرلىكتە بىر دو «توققۇزنى تاللاش» ئۇسۇلى بويىچە قايتىلانما دو تىككەن، دو تىكىش سوممىسى 4004 يۈەن بولغان، مۇكاپات سوممىسى 52660 يۈەن بولغان، ھەر بىر دودا 478.7 يۈەن مۇكاپات ئايرىلغان.

1.png

分享到: