新闻详情

ئامەتلىك لى ئەپەندى 204346 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-01-29 18:15作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

1        ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى كەچتە، قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى 2021001 ـ قارار مۇكاپات ئېچىلدى، مۇكاپات نومۇرى 02، 03، 13، 18، 20، 31 + 11 بولدى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى لاتارىيەچى لى ئەپەندى تەلەيلىك ھالدا 1 دو 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپات، 12 دو 4 ـ دەرىجىلىك مۇكاپات، 15 دو 5 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 204000 يۈەن بولدى.

لى ئەپەندى مۇنداق دېدى: لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش مېنىڭ كۆڭۈل ئېچىشتىكى بىر قىزىقىشىم، مۇھىمى بۇ جەرياندا خۇشاللىققا ئېرىشتىم. ئۇ بىر نوپۇزلۇق لاتارىيەچى بۇلۇپ، لاتارىيە سېتىۋالغىنىغا ئون نەچچە يىل بولدى، ئۇنىڭ «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىغا ئالاھىدە ئىشقى بار. لاتارىيە سېتىۋېلىش جەريانىدا لى ئەپەندى نۇرغۇن نومۇر تاللاش تەجرىبىلىرىنى توپلىغان، شۇنداقلا ناھايىتى ياخشى بولغان لاتارىيە سېتىۋېلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن: بىرىنچى، ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ھامان پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ ئولتۇرۇپ كېلىدۇ، بىر كۈن بارمىسىلا تۇرمۇشتا خۇشاللىق ئازلاپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ؛ ئىككىنچى، ئۇ دو تىكىشتە ئىنتايىن ئاقىلانە بولۇپ، ھەر قېتىمدا لاتارىيە سېتىۋېلىشنى 60 يۈەن ئەتراپىدا كونترول قىلىدۇ، كۆڭۈل ئېچىشنى ئاساس قىلىدۇ، ئۆزىگە بېسىم قىلمايدۇ، ئۆيدىكىلەرمۇ قوللايدۇ؛ ئۈچىنچى، باشتىن-ئاخىر ئۆزى نومۇرىنى تاللاپ دو تىكىشتە چىڭ تۇرىدۇ.

1- ئاينىڭ 3- كۈنى، لى ئەپەندى يېقىنقى مەزگىلدىكى كۆك توپ يۈزلىنىشىگە ئاساسەن، ئالدى بىلەن كۆك توپ نومۇرىنى تاللاپ، قىزىل توپ ئۈستىدە ئىككىلىنىپ قالدى، يەنە ئىككى نومۇرنى ئارتۇق تاللاپ، «8 + 1» نىڭ مۇرەككەپ بېلىتىنى تەشكىل قىلدى. شۇ كۈنى كەچتە مۇكاپات ئېچلىش ئاخىرلاشقاندا، بىخەستەلىك قىلغان لى ئەپەندى خاتا ھالدا بەش قىزىل توپ چىقتى دەپ ئويلاپ قالغان، بۇنداق بولغاندا 1000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشەتتى. ئىككىنچى كۈنى، لى ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى، مال ساتقۇچى خادىم ئۇنىڭغا 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپات ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.«2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىمنى، مۇكاپات پۇلىنىڭ 200000 يۈەندىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، مەن ھەيران قالدىم.» ــ دېدى لى ئەپەندى.

مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە، لى ئەپەندى خىزمەتچى خادىملارغا مۇنداق دېدى:« يېڭى يىلنىڭ بېشىدا، ئويلىمىغان يەردىن بۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، بۇنىڭدىن كېيىن ياخشى روھىي ھالەتنى داۋاملىق ساقلاپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى بۇرۇنقىدەكلا قوللايمەن»-دېدى.

2.png

分享到: