新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى لىيۇ ئەپەندى 10000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-01-30 13:12作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

1 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، تەلەيلىك لاتارىيەچى ليۇ ئەپەندى كورلا شەھىرىدىكى 65285002 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا لاتارىيە سېتىۋېلىپ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، «دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» 10000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

ئىگىلىنىشىچە، ليۇ ئەپەندىنىڭ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ كىلىۋاتقىنىغا ئۇزۇن يىل بولغان بۇلۇپ، ئۆزىنىڭ دۇكىنىنىڭ يېنىدا 65285002 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى بولغاچقا، بوش ۋاقتى بولسىلا، ئۇ بىر نەچچە دو لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالاتتى، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق پاراۋانلىق لاتارىيەنىڭ سادىق لاتارىيەچىسى بولدى. ليۇ ئەپەندى ئادەتتە «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، ھەر قېتىم «قوش رەڭلىك توپ» مۇكاپات ئېچىلىدىغان كۈنى، ئۇ پونكىتقا كېلىپ ئۆزى ئىككى دو، كومپيۇتېردا ئۈچ دو نۇمۇر تاللاپ دو تىكەتتى، ئۇ يەنە تېخى نۇرغۇن قېتىم كىچىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ھەر قېتىم لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا، ئۇ يەنە بىر نەچچە پارچە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ تەلىيىنى سىناپ باقاتتى.

1- ئاينىڭ 5- كۈنى «قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى مۇكاپات ئېچىلىدىغان كۈن، ليۇ ئەپەندى يەنە 65285002 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كېلىپ، 5 دو « قوش رەڭلىك توپ» نومۇرىنى تاللاپ دو تىكتى.   ئارقىدىن ئۇ بۇرۇلۇپلا كەتمەكچى بولۇپ تۇرغاندا، «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە كۆرگەزمە ئىشكاپىنىڭ ئىچىدە ناھايىتى چوڭ بولغان، رەڭگى چىرايلىق، ئىسمى ياڭراق بولغان قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى تۈرى بولغان «دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» نى كۆردى. خۇشاللىق ئىچىدە ئۇ ئۈچ تال بېلەت سېتىۋالدى، بېلەتنى ئالغاندىن كېيىن تاقەتسىزلىك بىلەن قىرىشقا باشلىدى. بىرىنچىسىدىن مۇكاپات چىقمىدى، ئىككىنچىسىدىنمۇ چىقمىدى، ئۇ ئۈچىنچىسىنى قىرىۋاتقاندا، بېلەت يۈزىدىكى بىرىنچى قۇرنى كۆرۈپ، ئىككى «مېنىڭ نومۇرۇم» بىلەن« مۇكاپات نومۇرۇم» نىڭ ئوخشاشلا« 31» ئىكەنلىكىنى بايقىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلەتتى. ليۇ ئەپەندى ھاياجانلىنىپ، دەرھال ئىككىنچى قۇرنى قىرىشقا باشلىدى، ئۈچىنچى قۇر ... مۇكاپات نومۇرى «31» بىر قېتىم، ئىككى قېتىم، ئۈچ قېتىم، تۆت قېتىم، توختىماي ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولدى، ليۇ ئەپەندى ئىختىيارسىز يۇقىرى ئاۋازدا ساناپ چىقتى، ساناپ بولغاندىن كېيىن ئۇ:« ۋاھ! ۋاھ! ئون«31» چىقتى، ماڭا 10000 يۈەن مۇكاپات چىقتى»-دېدى.

ليۇ ئەپەندى مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن دەرھال مال ساتقۇچىدىن مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش توغرىسىدا مەسلىھەت سورىدى، ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە ئۇ بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كەلدى، مۇكاپات ئالغاندا ئۇ مۇنداق دېدى:« مەن ئىزچىل< قوش رەڭلىك توپ> مۇكاپاتىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىدىم، ئويلىمىغان يەردىن <قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش> ئۇيۇنىدا مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، مەن بەك خۇشال بولدۇم، ئۆزۈمگە دائىم ئامەت يار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!»-دېدى.

5.png

分享到: