新闻详情

پورتو ئالدىنقى يىلىدىكى لىئونغا ئوخشاش يۇۋېنتۇسنى ئۇزغۇنلۇقتىن شاللىۋېتەلەمدۇ؟

发表时间:2021-02-17 19:46作者:ئەلكۈيى来源:توۋتىياۋ

640-24.gif640-59.png



يۇۋېنتۇس ئالدىنقى ئايلانما مۇسابىقىدە مېھمان مەيداندا 1:0 نەتىجىدە ناپولىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان بولۇپ، مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ناھايىتى ناچار بولغان، ئىپادىسى قالتىس بولغا يۇۋېنتۇسنى ئاساسەن چولپانلارنىڭ شەخسىي ئىقتىدارىغا تايىنىپلا پورتونى مەغلۇب قىلالايدۇ دېيىشكە بولىدۇ، ئەمما ھازىر يۇۋېنتۇستىكى ئوتتۇرا مەيدان توپچىلارنىڭ ھۇجۇم تەشكىللەش ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇپ، ئىلگىرى داڭلىق ئوتتۇرا مەيدان توپچى بولغان پىرلو كوماندىنىڭ بۇ ئەھۋالىغا ئامالسىز قالدى، نۆۋەتتە يۇۋېنتۇسنىڭ ھەرقايسى مۇسابىقە تۈرلىرىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرەلىشى ئىنتايىن تەس.

ئەتە سەھەردە يۇۋېنتۇس مېھمان مەيداندا پورتو بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ. ئالدىنقى پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىسىدە يۇۋېنتۇس لىئون كوماندىسى بىلەن رىقابەتلەشكەن، ھەممەيلەن يۇۋېنتۇسنى قىلچە قىينالمايلا ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ سەككىز كۈچلۈكلەر ئىچىگە كىرىدۇ دەپ ئويلىغان، نەتىجىدە يۇۋېنتۇس شاللىنىپ كەتكەن. بۇ مۇسابىقە پەسلىدە مەستانىلەر يەنىلا يۇۋېنتۇس پورتونى مەغلۇب قىلىدۇ دەپ پەرەز قىلىشىدۇ، ھازىرقى زامان پۇتبولچىلىقىنىڭ چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە، پورتونىڭ چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرەلىشىنى مۇمكىن ئەمەس دېيىشكە بولىدۇ، پورتو ياۋروپادىكى ئەنئەنىۋى زەردار كوماندا، پورتو ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە يۇۋېنتۇسقا ئوخشاش ئىككى قېتىم چېمپىيون بولغان، 21-ئەسىردە پورتو مورىنھونىڭ يېتەكچىلىكىدە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن. شۇڭا پورتۇنى ئاجىز كوماندا دېيىشكە بولمايدۇ.

نۆۋەتتە، يۇۋېنتۇسنىڭ ئوتتۇرا مەيدان تەشكىللىشى ئاجىز بولۇش مەسىلىسى يەنىلا ھەل بولمىدى، دىبالا ئالدى بەل ئورنىدا ئىپادىسىنى بىر قەدەر ياخشى جارى قىلدۇردى، دىبالانى كەينىگە چېكىندۈرۈپ ئالدى بەل ئورنىغا قويۇشمۇ بىر دادىل خىيال ھېسابلىنىدۇ، كرىستىيانو رونالدوغا تايىنىپ بارلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۇزاق مەزگىللىك پىلان ئەمەس. خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ «ئۈچ شاھ»لىقنى قولغا كەلتۈرگەن مەزگىلىدە، كرىستىيانو رونالدو دەرۋەقە كوماندىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم قورالى ئىدى، كرىستىيانو رونالدو توپ كىرگۈزەلمىگەندە يەنە بېنزېما، بېل، راموس قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا چىقىپ كوماندا ئۈچۈن نومۇر ئالالايدۇ، ھازىرقى يۇۋېنتۇستا كىم بۇنداق ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالالايدۇ؟

ئەگەر پورتو يۇۋېنتۇسنى مەغلۇپ قىلىپ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ سەككىز كۈچلۈكلەر ئىچىگە كىرسە، بۇنىڭغا ھەيران قېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى پىرلو تېخى يۇۋېنتۇسنى مۇكەممەل ھالەتكە ئېلىپ كېلەلمىدى.


分享到: