新闻详情

ئېنگلاند بىرلەشمىسى 16-ئايلانما تولۇقلىما مۇسابىقىسى: ئېۋېرتون vs مانچېستېر شەھىرى مۇسابىقىسىگە نەزە

发表时间:2021-02-17 19:48作者:ئەلكۈيى来源:توۋتىياۋ

640-24.gif640-59.png



بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەر 4:15تىكى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى 16-ئايلانمىسىنىڭ تولۇقلىما مۇسابىقىسىدە، ئېۋېرتون ساھىبخان مەيدانىدا مانچېستېر شەھىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، ئۇنداقتا مانچېستېر شەھىرى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلالامدۇ؟

مۇسابىقە خاراكتىرى: ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى 16-ئايلانمىسىنىڭ تولۇقلىما مۇسابىقىسى

مۇسابىقە ۋاقتى: بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى سەھەر 4:15

مۇسابىقە ئورنى: گۇدسون باغچىسى توپ مەيدانى

مانچېستېر شەھىرىنىڭ ئەھۋالى:

مانچېستېر شەھىرىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى، ھەرتۈرلۈك مۇسابىقىلەردە ئۇدا 16 مەيدان غەلىبە قىلدى، ھەتتا بىر مەيدان مۇسابىقىنى كەم ئوينىغان ئەھۋال ئاستىدا مانچېستېر بىرلەشمىسىدىن يەتتە نومۇر ئېشىپ، بىرلەشمىدە سەركىلىك ئورنىدا تۇرماقتا. ئۇلار 23 ئايلانمىدا 46 توپ كىرگۈزۈپ 14 توپ كەتكۈزدى، ئۇلارنىڭ ئىپادىسى رەقىبىدىن خىلىلا ياخشى، شۇڭا بۇ مەيدان مۇسابىقىدىمۇ غەلىبە قىلىش نىسبىتى يۇقىرى.

ئېۋېرتوننىڭ ئەھۋالى:

ئېۋېرتون ھازىر بىرلەشمىدە يەتتىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتىدۇ، ئىپادىسى تۇراقسىز، ئالدىنقى ئايلانمىدا ئۆز مەيداندا دەرىجە ساقلاش رايوندىكى فۇلھامغا 0-2 نەتىجىدە ئۇتتۇرۇپ قويدى، بۇ قېتىم ئۆز مەيدانىدا بىرلەشمىدىكى كۈچلۈك رەقىبى مانچېستېر شەھىرى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، ئەگەر ئانچېلوتتى سەپ شەكلى ۋە تاكتىكىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىسە، مانچېستېر شەھىرىنى مەغلۇپ قىلىشى تەس.


تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟





分享到: