新闻详情

رەقىب سالاھىيىتىدە مەيداندا ئۇچراشتى

发表时间:2021-02-17 19:50作者:ئەلكۈيى来源:جىبوبا

بېيجىڭ ۋاقتى تۈنۈگۈن سەھەر ئوينالغان ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ 1/8 ھەل قىلغۇچ باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە يۇۋېنتۇس مېھمان مەيداندا پورتو بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى بىر يارقىن نۇقتا يۇۋېنتۇستا توپ تېپىۋاتقان پورتۇگالىيەلىك ھۇجۇمچى كرىستىيانو رونالدو بىلەن دۆلەت كوماندىسىدىكى سەپدىشى پېپېنىڭ ئازغىنە كەم 20 يىلدىن كېيىن، رەقىب سالاھىيىتىدە مەيدانغا چۈشۈشى ھېسابلىنىدۇ.

«Squawka Football» تاراتقۇسىنىڭ ئىستاتىستىكا ماترىيالىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئىككى نەپەر پورتۇگالىيەلىك توپچىنىڭ ئالدىنقى قېتىم رەقىب سالاھىيىتىدە مەيدانغا چۈشۈشى، 2003-يىلىغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئەينى يىلى ئايرىم-ئايرىم ھالدا پورتۇگالىيە تەنتەربىيىسى ۋە مارتىمو كوماندىلىرىغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چۈشكەن.

بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىدا پورتو كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 1:2 نەتىجىدە يۇۋېنتۇس كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، ئىككى كوماندىنىڭ كېيىنكى ئايلانما مۇسابىقىسى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەردە يۇۋېنتۇسنىڭ ساھىبخان مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟


分享到: