新闻详情

چاغانلىق دەم ئىلىش ئاخىرلاشتى

发表时间:2021-02-19 11:22作者:ئەلكۈيى来源:中国维吾尔语广播CNR


640-24.gif640-59.png

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە چاغانلىق دەم ئېلىش ئاياغلاشتى، بۇ بىر نەچچە كۈندىكى ئويۇن-تاماشىڭىز ياخشى بولدىمۇ؟

2021-يىللىق چاغانلىق دەم ئېلىش ۋاقتى 11-فېۋرالدىن 17-فېۋرالغىچە جەمئىي يەتتە كۈن بولۇپ، بۈگۈن ھەممەيلەن ئاساسەن خىزمەت ئورۇنلىرىمىزغا قايتتۇق.

نۇرغۇن تورداش: «چاغانلىق دەم ئېلىش كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كەتتى» دەپ غۇلغۇلا قىلىشتى.


ئەمدى 4-ئايدىكى چوكانتال بايرىمىدىلا بۇنداق ئۇزاق دەم ئالالايمىز.


ئۇنىڭدىن باشقا ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بۇ ھەپتە قوش كۈنلۈك دەم ئېلىش يوق!

ئالدىمىزدىكى شەنبە كۈنى، يەنى 20-فېۋرال ئىشلەيمىز!


ئەمەلىيەتتە، چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئىزچىل ئىش ئورنىدىن ئايرىلمىدى، ئۇنداقتا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟

2021-يىللىق چاغاندا، 12-، 13-، 14-فېۋرال قانۇندا بەلگىلەنگەن بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرى بولۇپ، بېرىلىدىغان ھەق كۈنلۈك مائاشنىڭ %300ىدىن كەم بولمايدۇ. 11-، 15-، 16-، 17-فېۋرال تەڭشەپ بېرىلگەن دەم ئېلىش كۈنى بولۇپ، بۇ كۈنلەردە ئىشلىگەنلەرنىڭ ئىش ھەققى كۈنلۈك مائاشنىڭ %200ىدىن كەم بولماسلىقى كېرەك.

بايرامدىن كېيىن جىسمانىي ۋە روھىي ھالەتنى قانداق تەڭشەش كېرەك؟ بايرامدىن كېيىنكى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىدىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟

چاغانلىق دەم ئېلىش ئاخىرلىشىپ كىشىلەر ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىغا قايتتى، ئۇزاق دەم ئېلىشتىن كېيىن كىشىلەرنىڭ فىزىيولوگىيەسى ۋە پىسخىكىسىدا ئاسانلا ماسلىشالماسلىق ئالامىتى يەنى بايرامدىن كېيىنكى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، بايرامدىن كېيىنكى ئىككى-ئۈچ كۈنگىچە بىزارلىق ھېس قىلىش، روھى چۈشكۈن بولۇش، خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش، ھەتتا سەۋەبى ئېنىق بولمىغان كۆڭلى ئېلىشىش، باش قېيىش، ئۈچەي يوللىرى قالايمىقانلىشىش، نېرۋا خاراكتېرلىك ئىشتىھاسىزلىق، تەشۋىشلىنىش، نېرۋا ئاجىزلىق قاتارلىقلار.

دەم ئېلىشنىڭ ئاياغلىشىشىغا ئەگىشىپ، پائالىيەتلەرنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، راھەت تۇرمۇش چەمبىرىكىدىن بۇرۇنراق چىقىپ كېتىش كېرەك

ئۇزاق دەم ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كىشىلەر غەمسىز، ئازادە كەيپىياتتىن ئايرىلىپ، دەرھال يۈكسەك جىددىي خىزمەت ھالىتىگە قايتىشقا توغرا كېلىدۇ، پىسخىكا ۋە فىزىيولوگىيە جەھەتتىكى «ئىنېرتسىيە» تۈپەيلىدىن، بۇ جىددىي ھالەتكە ماسلىشالمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، نەتىجىدە خىزمەت رىتىمىغا ماسلىشالماسلىق، ھەتتا خامۇشلۇق، تەشۋىشلىنىش، يۈرەك سېلىش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپچىلىك كەيپىياتىنى ئالدىن تەڭشەپ، يېڭى ئەھۋالغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، تۇرمۇش، خىزمەت ئادىتىنى دەم ئېلىش ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن تەڭشىشى كېرەك. مەسىلەن، ئاڭلىق ھالدا خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قىلىپ، ئۆزىنىڭ پىسخىك ھالىتىنى خىزمەت ھالىتىگە تەڭشەش كېرەك. ئەڭ مۇھىمى تىنچ روھىي ھالەتنى ساقلاش، بۇ ئالامەتلەرنىڭ كىشىلەرنىڭ خىزمەت ھالىتىنى قايتا قوزغاتقاندا تەبىئىي پەيدا بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىش، بۇ قايتا قوزغىتىش جەريانىنى قوبۇل قىلىش، ئۆزىنىڭ ھالىتىگە زىيادە قاتتىق تەلەپ قويماسلىق كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا تەرتىپ بويىچە تەدرىجىي ئىلگىرىلەش كېرەك، ئىشنى ئالدى بىلەن ئاددىي خىزمەتتىن باشلاپ، ئاستا-ئاستا نورمال خىزمەت رىتىمىغا ئۆتۈش كېرەك.

بەدەننىڭ رىتىمىغا ماسلىشىپ بىيولوگىيەلىك سائەتنى تېزدىن تەڭشەش كېرەك

دەم ئېلىش مەزگىلىدە، كىشىلەر كۆپ ھاللاردا ئادەتتىكى مەشغۇلات ۋاقتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، تۇرمۇش قانۇنىيىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ، شۇڭا بايرامدىن كېيىن ئاسانلا ئۇيقۇسىزلىق، بالدۇر ئويغىنىش، شۇنداقلا كەيپىياتى تۆۋەن بولۇش، روھسىزلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، بىز بىيولوگىيەلىك سائەتنى تېزدىن تەڭشەپ، ئەسلىدىكى نورمال خىزمەت رىتىمى بويىچە مەشغۇلاتنى ئورۇنلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو تېبابىتىدە ئادەم بەدىنىدىكى جىڭلونىڭ قان ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ۋاقىت نۇقتىسى بار دەپ قارىلىدۇ، مەسىلەن: كەچ سائەت 11دىن سەھەر سائەت 3 كىچە بولغان ۋاقىت پۇتتىكى ئۆت يولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك شاۋياڭ جىڭلوسى ۋە جىگەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك جۆيىن جىڭلوسىنىڭ قان ئايلىنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان ۋاقىت تۈگۈنى بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا تولۇق ئارام ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ئەتىگەن سائەت 5 تىن 7گىچە بولغان ۋاقىت قولدىكى چوڭ ئۈچەي بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياڭمىڭ جىڭلوسىنىڭ قان ئايلىنىشى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ۋاقىت بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا تەرەت قىلىش ئۈچەي يولى ئىقتىدارىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا پايدىلىق. شۇڭا، بەدەننىڭ ۋاقىت رىتىمى بويىچە مەشغۇلات ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ئورگانىزملارنىڭ نورمال ئايلىنىش رىتىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ چارچاشنى تۈگىتىپ، روھلۇق ھالەتنى باشتىن-ئاخىر ساقلاش كېرەك

چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، كىشىلەر كۆپ ھاللاردا يېمەك-ئىچمەكنى ئادەتتىكى ۋاقىتتىىكىدىن كۆپرەك ئىستېمال قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يىل يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە ھەرىكەت مىقدارىمۇ زور دەرىجىدە ئازايدى. نەتىجىدە «ھەر قېتىملىق بايرامدا ئۈچ جىڭ سەمرىش»تەك بۇنداق ئاددىي ئەھۋاللار كۆرۈلۈپلا قالماي، كىشىلەرنىڭ «روھى»مۇ تەسىرگە ئۇچراپ، ھەممە ئادەم «ھۇرۇن»لۇققا مۇپتىلا بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، بايرامدىن كېيىن ھەرىكەتنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ھارغىنلىقنى تۈگىتىپ، زېھنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن بىللە، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەرىكەت يەنە خامۇشلۇق ۋە جىددىي كەيپىياتنى پەسەيتىدۇ، ئالدىراش خىزمەتكە ماسلىشىش ۋە «چاغاندا سەمرىپ كېتىش»نى ئازايتىشقىمۇ پايدىلىق.

بىراق، بايرامدىن كېيىن ھەرىكەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئالدىراقسانلىق قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ، ھەرىكەت مىقدارىنى كونترول قىلىش كېرەك. نۆۋەتتە، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، تەنھەرىكەت سورۇنلىرى نىسبەتەن چەكلىمىگە ئۇچرىدى، كىشىلەرنىڭ توپلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كۆپچىلىك يوگا، ئارغامچا سەكرەش، ساغلاملىق گىمناستىكىسى، تەيجى گۇمپىسى، سەككىز بۆلەكلىك گىمناستىكا قاتارلىق مەيدانغا بولغان تەلىپى بىر قەدەر تۆۋەن ھەرىكەتلەرنى تاللاپ، تەدرىجىي ئىلگىرىلەپ، ھەرىكەت سىجىللىقىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ، بەدەن ئىقتىدارىنى كۈچەيتسە بولىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، بىز «كۈتۈنۈشنى تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلاندۇرۇش، تۇرمۇشنى كۈتۈنۈشكە ئايلاندۇرۇش»نى تەشەببۇس قىلىمىز، ھەرىكەت سورۇنى نىسبەتەن چەكلىمىگە ئۇچرىغان مەزگىلدە، بىز تەنھەرىكەت ئارقىلىق كۈتۈنۈشنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرسەك بولىدۇ.

مەسىلەن، ئۆي ئىشلىرى ئەمگىكىنى كۆپەيتىش، لىفىتقا ئاز ئولتۇرۇش، پەلەمپەيدىن كۆپرەك چىقىش، سىرتقا چىقىپ ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغاندا ئاپتوبۇستىن بۇرۇنراق چۈشۈپ مەنزىلگە پىيادە بېرىش قاتارلىقلار، بۇ ئارقىلىق سالامەتلىكنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.



تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



分享到: