新闻详情

ئۈرۈمچىدە ئۆي ئىجارىسى كېمەيتىلىدۇ ياكى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

发表时间:2021-02-19 11:45作者:ئەلكۈيى来源:中国维吾尔语广播CNR

640-24.gif640-59.png

18-فېۋرالدىن باشلاپ، ئاممىۋى ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرىدىغان شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئائىلىلەر ئولتۇراق رايوندىكى ئۆي مەنبەسىنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا ئۆي ئىجارىسىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ، ئىلتىماس قىلىش ۋاقىت چېكى 31-مارتقىچە بولىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرى «مەن ئۈرۈمچىدە چاغان ئۆتكۈزىمەن» تېمىسىدىكى ئون تۈرلۈك ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ئاھالىلەرنىڭ، بولۇپمۇ سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ چاغان مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدە قېلىپ چاغان ئۆتكۈزۈشىنى قولاي، ئادىمىيلىككە تويۇنغان ئىللىقلىق يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى ۋە شەھەر غەمخورلۇقى بىلەن تەمىنلىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈر ئۆي ئىجارىسىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش ھەرىكىتىدۇر. 1-فېۋرالدىن 28-فېۋرالغىچە، ئاممىۋى ئىجارە ئۆينى ئىجارىگە ئالغان ھەمدە 2-ئايدا ئۈرۈمچىدە قېلىپ يۇرتىغا قايتمىغان سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ تاپشۇرىدىغان ئىجارە ھەققى ھەربىر ئائىلىنى ئۆلچەم قىلغان ھالدا كېمەيتىلىدۇ ياكى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

مۇخبىرنىڭ 16-فېۋرال ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسى تۇرالغۇ كاپالىتى مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيىدە ئولتۇرىدىغانلار ئىلتىماس قىلغاندا ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى (كۈچكە ئىگە مۇددەت ئىچىدىكى)، تۇرۇشلۇق جايدىكى مەھەللە ياكى خىزمەت ئورنى چىقارغان 2-ئايدا ئۈرۈمچىدە قالغانلىقى ھەققىدىكى ئىسپات، ئىلتىماس، كىملىكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى قاتارلىق ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشى كېرەك ئىكەن.

باداۋان شەنشۇي يايۈەن ئولتۇراق رايونىدىكى ئاممىۋى ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق ۋاڭ شىن گەنسۇدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئولتۇرۇۋاتقان ئۆي 51.17 كىۋادرات مېتىر، بىر ئايلىق ئىجارە ھەققى 540.87 يۈەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ماتېرىيالنى ئالدىن تولۇق تەييارلاپ قويدۇم، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئىشقا چۈشكەندىلا تاپشۇرۇپ بېرىمەن، بەك ئىللىقلىق ھېس قىلىۋاتىمەن، خېلى كۆپ پۇلۇم تېجىلىپ قالىدىغان بولدى».

ئىگىلىنىشىچە، 2021-يىلى 2-ئايلىق ئىجارە ھەققىنى تاپشۇرۇپ بولغان، توختام مۇددىتى توشمىغان بولسا، ئىجارە ھەققى كېچىكتۈرۈلىدىكەن؛ 2021-يىللىق ئىجارە ھەققىنى تاپشۇرمىغان، توختام مۇددىتى تېخى توشمىغان بولسا، ئولتۇرۇشلۇق ئائىلىلەر ئىجارە ھەققى تاپشۇرغاندا، 2-ئايلىق ئىجارە ھەققى كېمەيتىلىدىكەن ياكى كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن؛ 2-ئايلىق ئىجارىسىنى تاپشۇرۇپ بولغان، توختامنىڭ مۇددىتى توشۇش ئالدىدا تۇرغانلارغا قارىتا، يېڭى ئىجارە توختامى ئىمزالىنىپ، 2-ئايدىكى ئىجارە ھەققى كېچىكتۈرۈلىدىكەن؛ كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش مۇددىتى توشۇشتىن ئىلگىرى توختام مۇددىتى توشقان سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەردىن ئەگەر ئىجارىگە ئالغۇچى داۋاملىق ئىجارىگە ئېلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسە، ئىككى تەرەپ يېڭى ئىجارە توختامى ئىمزالاپ، ئۆي ئىجارىسىنى ئالغاندا بىر ئايلىق ئىجارە ھەققى كېمەيتىلىدىكەن ياكى كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن؛ ئەگەر ئىجارىگە ئالغۇچى داۋاملىق ئىجارىگە ئېلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، ئىككى تەرەپ ئىجارە توختامىنى بىكار قىلىپ ئۆي قايتۇرۇۋېلىنىپ، قايتا ئىجارە توختامى ئىمزالانمايدىكەن، 2-ئايلىق ئۆي ئىجارىسىمۇ ئېلىنمايدىكەن.

چاغاندىن بۇرۇن، ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى مەھەللە، ھەرقايسى ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆي مەنبەسىنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ ئۆي باشقۇرغۇچىلىرى سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ 2-ئايدا ئۈرۈمچىدە قېلىپ چاغان ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلغان. مۆلچەرلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۆي ئىجارىسىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش ھەرىكىتى 12 مىڭ 677 ئائىلىگە نەپ يەتكۈزىدىكەن، تەخمىنەن ئالتە مىليون 430 مىڭ يۈەن ئىجارە ھەققى كېمەيتىلىدىكەن.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟





分享到: