新闻详情

خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى رايونلار تۈگىدى!

发表时间:2021-02-19 12:16作者:ئەلكۈيى来源:中国维吾尔语广播CNR

640-24.gif640-59.png


مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 18-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، مۇخبىرنىڭ خاربىن شەھىرى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، گوۋۇيۈەننىڭ بىرلەشمە مۇداپىئە، بىرلەشمە كونترول مېخانىزمىنىڭ ئالاقىدار تەلىپىگە ئاساسەن، بۈگۈن(18-فېۋرال) سائەت نۆلدىن باشلاپ، لىمىن تەرەققىيات رايونى يۈتيەن كوچىسىنىڭ خەۋپ-خەتەر دەرىجىسىنى يۇقىرى خەۋپ-خەتەردىن تۆۋەن خەۋپ-خەتەرگە تەڭشەش، خۇلەن رايونى قۇرۇلۇش يولى كوچا باشقارمىسىنىڭ خەۋپ-خەتەر دەرىجىسىنى ئوتتۇرا خەۋپ-خەتەردىن تۆۋەن خەۋپ-خەتەرگە تەڭشەش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭ بىلەن، مەملىكەت بويىچە خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى رايونلارنىڭ ھەممىسى نۆللەشتۈرۈلۈپ بولدى، بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئوتتۇرا دەرىجىلىك خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى بار رايوندىن تۆتى بار.

ئۇلار خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھىرى گاۋچېڭ رايونى، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى سۈيخۇا شەھىرى ۋاڭكۈي ناھىيەسى ۋە شاڭخەي شەھىرى پۇدۇڭ يېڭى رايونى گاۋدۇڭ بازىرى گاۋشىنيۈەن بىرىنچى قارارلىق مەھەللىسى ھەمدە جىلىن ئۆلكىسى تۇڭخۇا شەھىرى دۇڭچاڭ رايونىدىكى بەش ئولتۇراق رايون.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟


分享到: