新闻详情

پاددىڭتون3 سۈرەتكە ئېلىنىشقا باشلىدى

发表时间:2021-02-19 12:36作者:ئەلكۈيى来源:توۋتىياۋ

640-24.gif640-59.png


چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «ئېيىقچاق پاددىڭتون 3» (帕丁顿熊3) ناملىق كىنو رەسمىي سۈرەتكە ئېلىش تەييارلىق باسقۇچىغا كىرگەن. ئالدىنقى ئىككى بۆلۈمنىڭ رېژىسسورى، قوشۇمچە سېنارىستى پائۇل كىڭ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئۈچىنچى بۆلۈمگە رېژىسسورلۇق قىلمايدىغانلىقىنى، ئەمما كىنو ئىشلىگۈچى سالاھىيىتى بىلەن سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇلتۇر ئۇ ئۈچىنچى بۆلۈمنىڭ سېنارىيەسىنى يېزىپ بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ھەمدە «ئېيىقچاق پاددىڭتون 3» دە تېخىمۇ كۆپ تەۋەككۈلچىلىك سەپىرىنى نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان.

پائۇل كىڭ رېژىسسورلۇق قىلغان «ئېيىقچاق پاددىڭتون» ناملىق فىلىمنىڭ ئالدىنقى ئىككى بۆلۈمى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئىككى بۆلۈمىنىڭ سېسىق پەمىدۇر(烂番茄)دىكى يېڭىلىق دەرىجىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %97 ۋە تولۇق نومۇر %100 كە يەتكەن، «ئېيىقچاق پاددىڭتون 2» يەنە يىللىق ئەڭ ياخشى كىنولارنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. ئالدىنقى ئىككى بۆلۈمنىڭ ئىشلەش تەننەرخى تەخمىنەن 95 مىليون دوللار بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئومۇمىي بېلەت كىرىمى 500 مىليون دوللاردىن ئاشقان.


تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



分享到: