新闻详情

مىسسى رائۇل بىلەن تەڭلەشتى

发表时间:2021-02-19 12:58作者:ئەلكۈيى来源:جىبوبا

640-24.gif640-59.png


بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى سەھەر سائەت 4:00تە 2020/2021 مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ باسقۇچىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدىكى سانسىزلىغان مەستانىلەرنى تەقەززا قىلغان بىر مەيدان مۇسابىقە نوكەمپو توپ مەيدانىدا باشلاندى، بارسېلونا ساھىبخان مەيداندا پارىژ سانت گېرمان كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مېسسى بارسېلوناغا ۋاكالىتەن نۇقتا توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ، مەيدان نەتىجىسىدە ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، ئەمما ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، شۇنىڭدىن كېيىن بارسېلونا كەينى-كەينىدىن تۆت توپ كەتكۈزۈپ 4:1 نەتىجىدە ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى.


ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2005-يىلىدىن باشلاپ بۇمۇ مېسسىنىڭ ئۇدا 17 يىل چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىلىرىدە توپ كىرگۈزۈشى ھېسابلىنىدىكەن، بۇ نەتىجىسى بىلەن مېسسى، خانلىق مادرىد ھۇجۇمچىسى رائۇلنىڭ 1995-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى توپ كىرگۈزۈش رېكورتى بىلەن تەڭلەشتى.

بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن نۇقتا توپى بىلەن مېسسى، ناۋاس قوغدىغان قاپقىغا تۆتىنچى قېتىم نۇقتا توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، ناۋاسمۇ مېسسىنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى نۇقتا توپ كىرگۈزۈش نىسبىتى %100 بولغان قاپقىچىلار ئىچىدە، ئەڭ كۆپ نۇقتا توپ كىرگۈزۈلگەن قاپقىچى ھېسابلىنىدىكەن.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇمۇ مېسسىنىڭ بارسېلونادىكى كەسپىي ھاياتىدا ناۋاس بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىلەردە كىرگۈزگەن سەككىزىنچى توپى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى تۆت توپ نۇقتا توپ ئىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا نۇقتا توپ كىرگۈزۈش نىسبىتى %100 بولغان.

ناۋاسمۇ مېسسىنىڭ بارسېلونادىكى كەسپىي ھاياتىدا نۇقتا توپ كىرگۈزۈش نىسبىتى %100 بولغان قاپقىچىلار ئىچىدە ئەڭ كۆپ نۇقتا توپ كىرگۈزۈلگەن قاپقىچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئابىياتتى بىلەن تەڭلەشكەن.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟




分享到: