新闻详情

دىزىنفىكسىيەلەشتە دىققەت قىلىڭ

发表时间:2021-02-19 13:00作者:ئەلكۈيى来源:ئۈندىدار سالونى

640-24.gif640-59.png


زىيادە دېزىنفېكسىيەلەش دېگەنلىك كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارنىڭ بۇلغاش نىسبىتى ناھايىتى كىچىك، دېزىنفېكسىيە قىلىش زۆرۈر بولمىغان ئورۇنلارنى تەكرار دېزىنفېكسىيەلەشنى كۆرسىتىدۇ. يەنى:

1. پۈتۈن بەدەنگە دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى چېچىش، ھەتتا ئاياغنىڭ چەمىنىمۇ دېزىنفېكسىيەلەش.

2. ھاۋا نەملەتكۈچنىڭ ئىچىگە دېزىنفېكسىيە دورىسى قۇيۇش.

3. كىشىلەر بىلەن تولا ئۇچراشمايدىغان ۋە ئادەمسىز رايونلاردىمۇ دېزىنفېكسىيە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش.

4. يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى دېزىنفېكسىيە دورىسى ئىشلىتىش.

دېزىنفېكسىيەلىگەندە ئىسپىرتنى كەڭ كۆلەمدە چاچماسلىق، ئۈزۈل-كېسىل پارلىنىشتىن بۇرۇن ئوت ۋە ئىسسىقلىق مەنبەسىگە يېقىنلاشماسلىق كېرەك. سىرتقا چىققاندا ئەپلىك قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقىدا قولنى 20 سېكۇنت ئەتراپىدا يۇيۇش، ئىشخانىدا كومپيۇتېر تاختىسى، مائۇس، ئىشىك تۇتقۇچى قاتارلىق ئاممىۋى بويۇملارنى قەرەللىك تازىلاپ، سۈرتۈپ، دېزىنفېكسىيەلەپ تۇرۇش، تاماق يېيىشنىڭ ئالدى-كەينى، چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىشنىڭ ئالدى-كەينى، ماسكىنى تاقاش ۋە ئېلىۋېتىش ھەرىكىتىدىن كېيىن قول يۇيۇش كېرەك.

ئۆيگە قايتقاندا ئىشلىتىپ بولغان ماسكىنى خالىغانچە تاشلىماي، ئەخلەت خالتىسىغا تاشلاپ، ئاچقۇچ، يانفون قاتارلىقلارنى دېزىنفېكسىيەلەش كېرەك. قولنى يۇيغاندا ئالىقان، قول دۈمبىىسى، بارماقلارنىڭ ئارىسىنى 30 سېكۇنت ئەتراپىدا ئۇۋۇلاپ يۇيۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئائىلىدە كۈندە دېرىزىنى 3-2 قېتىم، ھەر قېتىمدا يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك. خام ۋە پىششىق يېمەكلىكلەرنى ئايرىش، خام يېمەكلىكلەرنى مەخسۇس يۇيىدىغان قاچىلارنى تەييارلاش، ئاشخانا بۇيۇملىرىنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش كېرەك.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟





分享到: