新闻详情

ۋىتامىن راك ھۈجەيرىلىرىنى يوقىتالامدۇ؟

发表时间:2021-02-19 13:30作者:ئەلكۈيى来源:توۋتىياۋ

640-24.gif640-59.png


ۋىتامىن راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

تەجرىبە تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ۋىتامىن راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ بۆلۈنۈشىگە كاشىلا قىلىش ئارقىلىق راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ بىۋاسىتە ئۆلۈشىنى ياكى ۋاسىتىلىك ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ۋىتامىن بەدەنگە زۆرۈر بولغان ماددا، كىلىنىكىلىق ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ۋىتامىن A، ۋىتامىن D، ۋىتامىن E، ۋىتامىن K ۋە ۋىتامىن B تۈرىدىكى ۋىتامىنلارنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى بەك تۆۋەن بولۇپ كەتسە، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ۋىتامىن قوبۇل قىلىش مىقدارى يېتەرلىك بولغان كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ۋىتامىن A كەمچىل بولغان كىشىلەرنىڭ ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ؛ كاروتىن كەمچىل كىشىلەرنىڭ ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى 3.5 ھەسسە، قىزىلئۆڭگەچ راكى، بۆرەك ئۈستى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئىككى ھەسسە ئاشىدۇ؛ ۋىتامىن E كەمچىل كىشىلەر ئارىسىدا كالپۇك راكى، تېرە راكى، ئېغىز بوشلۇقى راكى، ئاشقازان راكى، ئۆپكە راكى، ئۈچەي راكى، بالىياتقۇ بوينى راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ.

كۆكتات، مېۋە ـ چېۋە ھەمدە مۇۋاپىق مىقداردا تۇخۇم، گۆش يەپ بەرسە راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

تەركىبىدە ۋىتامىن يۇقىرى بولغان مېۋە ـ چېۋە ۋە كۆكتاتلاردىن پالەك، پەمىدۇر، سەۋزە، ئۈزۈم، مايمۇن شاپتۇلى، پۇراقلىق موگۇ، چېچەكسەي، قىچا، تەرخەمەك، قوغۇن ـ تاۋۇز، بۆلجۈرگەن، توغاچ، بانان، ئاپېلسىن، كاللەكبەسەي، ياڭيۇ، تاتلىقياڭيۇ، نەشپۈت، كۆكمۇچ، يازلىق يېسىۋېلەك، لىمون، كۈدە قاتارلىقلار بار.

كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا:

1. تەركىبىدە ۋىتامىن A مول بولغان يېمەكلىكلەر: تۇخۇم سېرىقى، بېلىق مېيى، قايماق، ھايۋانات جىگىرى قاتارلىقلار.

2. تەركىبىدە ۋىتامىن C مول بولغان يېمەكلىكلەر: يېڭى كۆكتات ۋە مېۋە قاتارلىقلار. مەسىلەن پۇرچاق ئۈندۈرمىسى، قىزىل مۇچ قاتارلىقلار.

3. تەركىبىدە ۋىتامىن E مول بولغان يېمەكلىكلەر: تۇخۇم، جىگەر، بېلىق تۈرىدىكىلەر، كاللەكبەسەي، ئوسۇڭ، ئۆسۈملۈك مېيى قاتارلىقلار.

4. تەركىبىدە ۋىتامىن B مول بولغان يېمەكلىكلەر: بۇغداي ئۈندۈرمىسى، توخۇ جىگىرى، پۇراقلىق موگۇ قاتارلىقلار.

5. تەركىبىدە ۋىتامىن D مول بولغان يېمەكلىكلەر: ۋىتامىن D ئاساسلىقى ھايۋانات مەنبەلىك يېمەكلىكلەردىن كېلىدۇ، دېڭىز بېلىقى، ھايۋانات جىگىرى، تۇخۇم سېرىقى ۋە ئورۇق گۆشتىن كېلىدۇ.

6. تەركىبىدە ۋىتامىن K مول بولغان يېمەكلىكلەر: يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار، مەسىلەن پالەك، كاپۇستا، قىزىلچا، ماش، ئوسۇڭ، گۈل كاپۇستا، زاغۇن، يۇمغاقسۈت، نېلۇپەر يىلتىزى.

كۈندىلىك تۇرمۇشتا ۋىتامىن تولۇقلاپ، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟





分享到: