新闻详情

رەقەملىك خەلق پۇل سىنىقى ياخشى بولماقتا

发表时间:2021-02-19 16:29作者:ئەلكۈيى来源:iT

640-24.gif640-59.png


مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل چاغاندا ئېلىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ئىستىمال بېلىتى، نەق پۇل بىلەن قىزىل بولاق تارقىتىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن ئاممىنى «ئۆز جايىدا چاغان ئۆتكۈزۈش»كە يېتەكلىگەن. شېنجېن، سۇجۇ، بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەر تۇنجى تۈركۈمدە رەقەملىك خەلق پۇلى تارقىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلغان شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىلگىرى كېيىن بولۇپ چەك تارتىش، رەقەملىك خەلق پۇلى قىزىل بولىقى تارقىتىش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ بۇ قېتىملىق چاغانغا يېڭىچە تۈس قوشتى.


چاغانلىق دەم ئېلىشنىڭ بىرىنچى كۈنى، ئومۇمىي قىممىتى 30 مىليون يۈەن خەلق پۇلى بولغان سۇجۇ شەھىرىنىڭ چاغانلىق مال سېتىۋېلىش بايرىمى قىزىل بولىقى ئارقا-ئارقىدىن ھېساباتقا كىردى. سۇجۇدىكى نۇرغۇن داڭلىق دۇكانلاردا مەخسۇس رەقەملىك خەلق پۇلى كۆزنىكى تەسىس قىلىندى. پۇل تۆلەش كودى ۋە POS ئاپاراتىدا سىكاننېرلاپ پۇل تۆلىگەندە ئىمزا قويغان ئابۇنتلار 200 يۈەن رەقەملىك خەلق پۇلى چاغانلىق قىزىل بولىقى ئارقىلىق پۇل تۆلىسە بولىدۇ. سودىگەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا خېرىدارلار رەقەملىك خەلق پۇلى بىلەن پۇل تۆلىگەندە ھېچقانداق رەسمىيەت ھەققى تەلەپ قىلمايدىكەن، بۇ باشقا پۇل تۆلەش ئۇسۇلىغا قارىغاندا تېخىمۇ قولايلىق ئىكەن.


بېيجىڭدا قانات يايدۇرۇلغان «ۋاڭفۇجىڭ قار-مۇز بايرىمى»دىكى سېتىۋېلىش پائالىيىتىدە رەقەملىك خەلق پۇلى نۇقتىدا سىناق قىلىنىپ، قار-مۇز ھەرىكىتى، يېمەكلىك، تۇرالغۇ، سەپەر، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، كەلگۈسىدىكى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدىكى ئىستېمالىنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى يارىتىپ، بۇ ئارقىلىق ئىچكى ئېھتىياجغا تۈرتكە بولۇپ، «ئۆز جايىدا چاغان ئۆتكۈزۈش»كە ئىلھام بېرىلدى. بۇ قېتىمقى بېيجىڭ رەقەملىك خەلق پۇلى سىناق نۇقتىسى بېيجىڭدىكى شەخسىي ئىستېمالچىلارغا چەك تارتىش شەكلى ئارقىلىق 50 مىڭ يۈرۈش رەقەملىك خەلق پۇلى قىزىل بولاقى تارقاتتى، ھەر بىر رەقەملىك خەلق پۇلى قىزىل بولاق سوممىسى 200 يۈەن بولدى. ئىمزا قويغاندىن كېيىن ئىستېمالچىلار «رەقەملىك خەلق پۇلى App»نى چۈشۈرۈپ، شەخسىي رەقەملىك پۇل قاپچۇقىنى ئاچقاندىن كېيىن بانكا كارتىسىنى باغلىماي تۇرۇپلا قىزىل بولاقنى بىۋاسىتە ئالالايدۇ ۋە ئىشلىتەلەيدۇ.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟




分享到: