|
دۇنيادىن بىخەۋەر كىشىلەر发表时间:2021-02-19 17:00作者:ئەلكۈيى来源:تىڭشۈن تورى يىراق سىبىرىيە رايونىدا «شاپتۇل چېچىكى ماكانى» دەيدىغان بىر جاي بار، ئۇ يەرنىڭ كىلىماتى ئىنتايىن سوغۇق، ئىنسانلارنىڭ ياشىشىغا ماس كەلمەيدۇ، چۈنكى ئىنسانلارنىڭ تەن ساپاسى قاتتىق سوغۇققا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، بۇ جايىدا ھەتتا ياۋايى ھايۋانلارمۇ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، ئۇ يەردىكى ھەممە نەرسە نامەلۇم، ئېنىق بىر چىغىر يولمۇ يوق، چۈنكى يېڭى بىر يول ئېچىلغان ھامان، قار ئاستىدا قېلىپ، ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گېئولوگىيىلىك تەكشۈرگۈچىلىرى نامەلۇم بىر ساھە ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن تىك ئۇچار ئايروپىلان ھەيدەپ، سىبىرىيە ئاسمىنىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقچى بولغان، بۇ ۋاقىتتا ئالىملارنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇكى، ئۇلار ھاۋا بوشلۇقىدا تۇرۇپ ئىنسانلار ھەرىكەت قىلغان ئىزلارنى بايقاپ قالغان، ئەجەبا مۇشۇنداق سوغۇق ھەم رەھىمسىز مۇھىتتا، راستتىنلا بىرەر ئادەم ھايات قالغانمىدۇ؟ ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئۇلار دەرھال ئايروپىلاندىن چۈشۈپ، ئىزىنى بويلاپ مېڭىپ، بىرەر نەرسىنى بايقاپ قېلىشنى ئۈمىد قىلغان. ئۇزاق ئۆتمەي، ئالىملارنىڭ كۆز ئالدىدا ئەگرى ـ بۈگرى بىر كىچىك دەريا پەيدا بولغان بولۇپ، دەريانىڭ يېنىدا بىر كونا ياغاچ ئۆينىڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن. ئالىملار بىر قۇر مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، بۇ ياغاچ ئۆيگە كىرىپ، بۇ قاتتىق سوغۇق مۇھىتتا ياشايدىغان ئادەم بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ بېقىش قارارىغا كەلگەن. ئۇلار ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، ئىچىدىكى بوشلۇقنىڭ ئىنتايىن كىچىك، مۇھىتمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس ئىكەنلىكىنى، نەرسىلەرنىڭ كونىراپ كەتكەنلىكىنى، قارىماققا خېلى يىللار بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان. يەردە، كارىۋاتتا بىر قىسىم پاكىز تازىلانمىغان ئەخلەتلەر بار بولۇپ، ئالىملار يەنە سىنچىلاپ قاراش ئارقىلىق، قاقلانغان قارىغاي شاكىلى بىلەن ئېشىپ قالغان بەرەڭگە شۆپىكىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ يەردە راستتىنلا ئادەم ياشايدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن. ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلىنىشى رىكوۋنىڭ بايان قىلىشى ئارقىلىق، ئالىملار ئۇنىڭ ئەسلىدە ئىلگىرى بىر قىسىم جەمئىيەت ئۇرۇشىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى، كېيىن ئۇ جەمئىيەت تارقىلىپ، بارلىق كىشىلەر ئۆز ئالدىغا جاي تېپىپ قېچىپ كەتكەنلىكىنى، جىددىي ئەھۋالدا ئۇمۇ ئايالى ۋە بالىلىرىنى ئېلىپ سىبىرىيەدىكى چۆللۈككە كەلگەنلىكىنى، بۇ تۇرالغۇدا تۇرۇۋاتقىلى 42 يىل بولغانلىقىنى بىلگەن. ئۇنىڭ ئېيتىپ بىرىشىچە بۇ يەرگە يېڭى كەلگەندە ئايالى بىلەن بىرلىكتە بۇ كىچىك ياغاچ ئۆينى ياساپ چىققان ئىكەن، ئۇلار قايتا-قايتا سىناپ كۆرۈش ئارقىلىق سوغۇق ھاۋادا پەقەت بەرەڭگە تېرىغىلى بولىدىغانلىقىنى، باشقا زىرائەتلەرنىڭ بىخلانمايدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئامالسىز بەرەڭگىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن. 1961- يىلى قىشتا سىبىرىيەدە تېمپېراتۇرا يەنە تۆۋەنلىگەن، بۇ قىش ئادەتتىن تاشقىرى سوغۇق بولۇپ، سوغۇقتا ھەتتا بەرەڭگە تېرىغىلىمۇ بولمىغان، ئۇلار ئۆيدە بېسىلىپ قالغان ئاشلىقنى ئاستا-ئاستا يەپ بولغاندىن كېيىن، دەرەخ قوۋزىقى ئارقىلىق قورساق تويغۇزۇشقا توغرا كەلگەن. بۇ ۋاقىتتا رىكوۋ بالىسىنى ئاچ قويماسلىق ئۈچۈن سىرتتا يېمەكلىك ئىزدىگىلى چىقىپ كەتكەندە، ئايالى ئاشلىقىنىڭ ھەممىسىنى بالىسىغا قالدۇرۇپ، ئېرى قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يالغاندىن «مەن يەپ بولدۇم» دەپ، ئاخىرىدا ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن. بۇ رىكوۋنىڭ قەلبىدە ئىزچىل ئۆتكىلى بولمايدىغان بىر ئۆتكەل بولۇپ قالغان. رىكوۋ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى بايقىغاندىن كېيىن، ئالىملار پۈتۈن كۈچى بىلەن سىرتقى دۇنياغا قايتىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق رەت قىلىنغان. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ قاقاس سىبىرىيە زېمىنىدا ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلىرى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ بارلىق بەختلىك تۇرمۇشى مۇشۇ يەردە بولغان. ئۇ يەنە: «بۇ يەردە تۇرغاندا ئايالىنىڭ بۇ ئائىلە ئۈچۈن پايپېتەك بولۇپ يۈرگەن سىماسىنى كۆرگەندەك بولىدىغانلىقىنى، گەرچە مۇھىت ئىنتايىن جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ تۇرمۇشنى جاپا ھېس قىلمايدىغانلىقىنى» ئېيتقان. ئۇلار رىكوۋنى قايىل قىلالماي، بالىلىرىدىن سورىغاندا، نەتىجىدە ئويلىمىغان يەردىن بالىلارمۇ بۇ يەردىن كېتىشنى خالىمىغان. كېيىن، سىرتتىكى كىشىلەرمۇ ئۇلارنى بىلگەندىن كېيىن، يېمەكلىك ۋە ئەمگەك سايمانلىرىنى پات ـ پات ئاپىرىپ بېرىپ تۇرغان، كىشىلەر ئۇلار تۇرمۇشىنى ئەمدى ئۇنچە جاپالىق ئۆتكۈزمەيدىغان بولدى، دەپ ئويلىغان، لېكىن ئويلىمىغان يەردىن بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۆلۈپ كەتكەن، پەقەت ئەڭ ئاخىرىدا كىچىك قىزىلا قالغان بولۇپ، ئۇ كېسەل بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت ئېلىشقاندىن كېيىن ئاران ھايات قالغان. ئەمما ئۇ بالا-قازادىن قۇتۇلۇپ، كىشىلەر توپىغا قايتىشنى تاللىماستىن، بەلكى كىچىك ياغاچ ئۆيدە تۇرمۇش كەچۈرگەن. كېيىن ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئىسپاتلىشىچە، ئۇلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئۆلۈپ كېتىشنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئۇزاق مۇددەت سىرتقى دۇنيادىكى كىشىلەر بىلەن ئۇچراشمىغان، تۇيۇقسىز ئۇچراشقاندىن كېيىن ئاسانلا سىرتتىكى باكتېرىيەلەر بىلەن يۇقۇملىنىپ، ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغان. 来源:爱酷艺 监制:麦麦提江 审稿:阿米娜 稿子:乃扎尔 制作:张伟 |
|