新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى 2 مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-02-01 11:35作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

         1-ئاينىڭ 18-كۈنى، قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى « شىنچۇ كالىسى» مۆچەل يۈرۈشلۈك لاتارىيە بېلىتى بازارغا سېلىش ۋە تىجارەتنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيتى رەسمىي باشلاندى. بۇ بىر مەيدان خۇشاللىققا تولغان پائالىيەت ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى لاتارىيەچىلەرنى خۇشال قىلىۋەتتى. بىر نەچچە كۈن بولمايلا، غۇلجا ناھىيىسىدە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىققان خۇش خەۋەر ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارقالدى.

1- ئاينىڭ 21- كۈنى، غۇلجا ناھىيەسىدىكى قازاق تاغا يې ئەپەندى قىممىتى 20 يۈەنلىك« شىنچۇ كالىسى» لاتارىيە بېلىتى بىلەن 1 مىليون يۈەنلىك مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىش بىلەن بىللە، يەنە 1 مىليون يۈەن قۇشۇش بېرىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇ ئامەتلىك لاتارىيەچى 2 مىليون يۈەن مۇكاپات پۇلىنى بىراقلا قولغا كەلتۈردى، ئاسماندىن چۈشكەن بۇ كاتتا مۇكاپات يې ئەپەندىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى خۇشال قىلىۋەتتى.

شۇ كۈنى، يې ئەپەندىنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسى ئىمتىھانىنىڭ ئىككىنچى تۈرىگە قاتنىشىدىغان ۋاقتى بولۇپ، ئوتتۇرا ياشقا كىرگەن يې ئەپەندى ئىمتىھاندىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، ناھايىتى خۇشال بولۇپ، رازىمەنلىك بىلەن ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. غۇلجا ناھىيىلىك خەلق مەيدانىغا كەلگەندە دەل پاراۋانلىق لاتارىيە نۇقتىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتتى. مۇكاپات قۇشۇپ بېرىش قائىدىسىنى پىششىق بىلىدىغان يې ئەپەندى قىممىتى 20 يۈەنلىك« شىنچۇ كالىسى» لاتارىيە بېلىتىدىن ئىككى پارچىنى ئېلىپ، بىرىنچى پارچىسىنى قىردى نەتىجىدە مۇكاپات چىقىمدى، ئىككىنچى پارچىسىنى قىرىپ بۇلۇپ كۆز ئالدىدا پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغان ئۈچ بەلگە كۆرۈندى، بۇنىڭغا ماس كېلىدىغان مۇكاپات سوممىسى 1 مىليون يۈەن بولىدۇ، يې ئەپەندى شۇ ھامان ئۆز ئورنىدىن چۆچۈپ تۇرۇپ كەتتى ۋە ئۆز ـ ئۆزىگە:«بۇ راستمۇ؟ مەن مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتىممۇ؟»-دېدى.

مۇكاپات پۇلىنى ئالغاندىن كېيىن، يې ئەپەندى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:«مەن كونا لاتارىيەچى، مۇكاپات قۇشۇپ بېرىشتىن ئىلگىرى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە "شىنچۇ كالىسى" نىڭ مۇكاپات قۇشۇپ بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى تەشۋىقاتنى كۆرگەن، بولۇپمۇ 1 مىليون يۈەن مۇكاپات چىقسا، يەنە 1 مىليون يۈەننى مۇكاپات سۈپىتىدە سوۋغا قىلدىغانلىقى ئادەمنى بەك جەلپ قىلىدىكەن. بىراقلا 2 مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتىش مېنى ھەقىقەتەن خۇشال قىلىۋەتتى، مەن بەك تەلەيلىك ئىكەنمەن! ھازىر مەن ئايالىم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئالدى بىلەن ئۆيدىكى كونا ئۆينى يېڭىلاپ، ئاندىن ياشانغانلارنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزىدىغان ئىككى ئېغىز يېڭى ئۆي سېلىشنى ئويلاۋاتىمەن. بالىلارنىڭ ھەممىسى ياخشى تەربىيە ئالسۇن، مەنمۇ ئايالىم بىلەن بىر مىلىچمال دۇكىنى ئېچىپ، كۈنلىرىمنى خۇشال ئۆتكۈزمەكچى. پاراۋانلىق لاتارىيەسىگە كۆپ رەھمەت، پاراۋانلىق لاتارىيە ئائىلىمىزدىكىلەرنى ئۇزۇن مەزگىللىك «بەخت» كە باغلاپ قويدى!»-دېدى.

1.png

分享到: