新闻详情

ئاپتوموبىل مۇكاپاتى سىزنى ساقلاۋاتىدۇ؟ ھەركەتلىنىڭ !!

发表时间:2021-02-02 17:37作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

چاشقان يىلى يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى خۇشال ـ خۇرام كۈتۈۋالدۇق. بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى، قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى « گېڭزى چاشقىنى 20 يۈەن» نامىدىكى «چاشقان يىلدا Q5 سىزگە يول باشلايدۇ» پائالىيىتىدە يەنە بىر دانە ئاۋدى Q5L ماركىلىق ئاپتوموبىل مۇكاپاتى نەقلەشتۈرۈلمىدى.

4.png

(مۇكاپاتى: ئاۋدى Q5L ئاپتوموبىلى)

ئىگىلىنىشىچە، 2020 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە «گېڭزى چاشقىنى 20 يۈەن» ناملىق پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتىنى بازارغا سېلىپ ساتقان ھەم «چاشقان يىلدا Q5 سىزگە يول باشلايدۇ» باش تېمىسىدىكى لاتارىيەچىلەرگە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرغان. لاتارىيەچىلەرگە جاۋاپ قايتۇرۇش مۇكاپاتى ئاۋدى Q5L40 TFSI ماركىلىق 25 دانە ئاپتوموبىل بولۇپ، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، 24 نەپەر تەلەيلىك لاتارىيەچى ئاپتوموبىل مۇكاپاتىنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى، يەنە بىرى تېخى مۇكاپات نەقلەشمىدى.

شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، ئەڭ ئاخىرقى ئاۋدى Q5L ئاپتوموبىلىنىڭ ئىگىسى تېخى كۆرۈنمىدى، لاتارىيەچىلەر بۇ ئەڭ ئاخىرقى ئاۋدى Q5L ئاپتوموبىلىنى چۆرىدەپ تەھلىل ئېلىپ باردى ھەمدە ھەر خىل پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى:

بىرى، ئاۋدى Q5L ماركىلىق بۇ ئاپتوموبىل مۇكاپاتى يەنىلا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا ئېشىپ قالغان «گېڭزى چاشقىنى 20 يۈەن» لاتارىيە بېلەتلىرى ئىچىدە. نۆۋەتتە، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى «گېڭزى چاشقىنىنىڭ 20 يۈەن» لاتارىيە بېلىتى ئانچە كۆپ قالمىىغان، ئەڭ ئاخىرقى ئاۋدى Q5L ئاپتوموبىلى زادى كىمنىڭ قۇلىغا چۈشىدۇ؟ بۇ تەلەيگە باغلىق تە!

ئىككىنچىسى، لاتارىيەچى مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلمەي، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيە بېلىتىنى خاتا ھالدا ئىناۋەتسىز بېلەت قاتارىدا تاشلىۋەتكەن. بۇ يەردىكى تەھرىر ھەر قايسى لاتارىيەچىلەرگە شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇكى، «گېڭزى چاشقىنىنىڭ 20 يۈەن» نى قىرغاندا چوقۇم ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇش كېرەك، مۇكاپاتقا ئېرىشمىگەن تەقدىردىمۇ، لاتارىيە بېلىتىنى تاشلىۋېتىشكە ئالدىرىماسلىق كېرەك، لاتارىيە بېلىتىنى يەنە بىر قېتىم سېلىشتۇرۇپ، سىزنىڭ «ئالاھىدە مۇكاپات بەلگىسى» غا ئېرىشكەن ياكى ئېرىشمىگەنلىكىڭىزگە قاراپ بېقىڭ، چۈنكى پائالىيەتتىكى «ئاپتوموبىل» بەلگىسى «ئالاھىدە مۇكاپات بەلگىسى» غا تەۋە بولۇپ، پەقەت ئادەتتىكى مۇكاپاتقا ئېرىشمىگەن لاتارىيە بېلىتىدە كۆرۈلىدۇ.

ئۈچىنچى، لاتارىيەچى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ قىرىشنى ئۇنتۇپ قالغان ياكى مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالغان بۇلىشى مۇمكىن. لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ ئۆيگە قايتىىشقا ئالدىراپ كىيىن قىرىشنى ئۇنتۇپ قالغان ياكى ئۆيىدە لاتارىيە بېلىتى قىرىپ مۇكاپات چىققانلىقىنى بايقاپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالغان بۇلىشى مۇمكىن. بەلكىم راستىنلا مۇشۇنداق بىخەستىلىك قىلىپ قويغانلار بولىشى مۇمكىن. «گېڭزى چاشقىنى 20 يۈەن» لاتارىيە بېلىتىنى سېتىۋالغان لاتارىيەچىلەر ئەسلەپ بېقىڭلار : ئۆيگە قايتىپ ئاختۇرۇپ قىرىپ باقمىغان لاتارىيە بېلىتى ياكى مۇكاپات نەقلەشتۈرمىگەن لاتارىيە بېلىتى بار-يوقلۇقىنى ئىزدەپ بېقىڭلار، بەلكىم ئەڭ ئاخىرقى ئاۋدى Q5L ئاپتوموبىلى مۇكاپاتى سىزنى ساقلاۋاتقىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان بولۇشى مۇمكىن.

ھە راست، «گېڭزى چاشقىنى 20 يۈەن» دىن باشقا، قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى «ئەتىرگۈل كېلىشىمى» نىڭ « ئەتىرگۈل كېلىشىمى، تۇلپار بىلەن ئۇچرىشىش» پائالىيىتىدىن يەنە ئۈچ ئاۋدى A6L ماركىلىق ئاپتوموبىل مۇكاپاتىمۇ ئامەتلىك لاتارىيەچىلەرنى ساقلاۋاتىدۇ! بۇ ئامەتلىك ئادەم سىزمۇ؟

分享到: