新闻详情

ئامەتلىك لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندى 30000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-02-04 11:34作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

پاراۋانلىق لاتارىيە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى «باي ـ باياشات» لاتارىيە بېلىتى بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، لاتارىيەچى دوستلارنىڭ ئىزچىل ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلدى، بۇ ئويۇننىڭ قائىدىسىنى بىر قاراپلا بىلىۋالغىلى بولىدۇ، ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي، چۈشىنىشلىك بولۇپ، ئۆزگىچە ئويناش ئۇسۇلى ۋە تېز مۇكاپات ئېچلىش ئالاھىدىلىكى بىلەن نۇرغۇن لاتارىيەچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. 1 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسىدىن خۇش خەۋەر كەلدى، لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندى پەقەت ئىككى يۈەن قىممىتىدىكى «باي ـ باياشات» لاتارىيە بېلىتى بىلەن 30000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

ۋاڭ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىكى كونا لاتارىيەچى بۇلۇپ، بولۇپمۇ قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنىنى ياخشى كۆرىدۇ، بوش ۋاقىتلىرىدا ئۇ ئۆيىگە يېقىنراق بولغان 65310124 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ بىر نەچچە پارچە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالىدۇ. ۋاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپلا بىر پەس ئازادىلىك ۋە خۇشاللىق ھېس قىلغىلى بولىدۇ. پونكىتتىكى پېشقەدەم لاتارىيەچى كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشسە ساتقۇچى شياۋجاۋمۇ چىن قەلبىدىن خۇشال بولدى، ئۇ ۋاڭ ئەپەندىگە مۇنداق دېدى:« 2021 ـ يىلى يېڭى يىل باشلىنىپلا، سىز 30000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتىڭىز، بۇ ھەقىقەتەن خۇشال بۇلۇشقا ئەرزىيدىغان ئىش.»-دېدى.

ۋاڭ ئەپەندى لاتارىيەچى دوستى بىلەن ئۆزىنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىش تەسىراتلىرىنى ھەمبەھىرلىگەندە مۇنداق دېدى:« چۇقۇم مۇكاپاتقا ئېرىشىشىم كېرەك دەپ نىيەت باغلاپ لاتارىيە سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ، تىنچ روھىي ھالەتنى ساقلاش كېرەك، مانا بۇ ساغلام بولغان لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش. بىر پاراۋانلىق لاتارىيىسى سېتىۋىلىش بىر ئۈمىد، بىر ياخشى ئىش قىلغانلىق، بۇندىن كىيىنكى كۈنلىرىمىزدە بەخت-سائادەتكە ئېرىشەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن، يەكەندىكى لاتارىيىچىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭمۇ تېخىمۇ ياخشىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!»-دېدى.

8.png

分享到: