新闻详情

ئۇلار بىرلىشىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ 17260 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-02-04 16:47作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە «شادلىق 8» نىڭ شىنجاڭدا بازارغا سېلىنغىنىغا بىر ئاي بولدى، ھەر مىللەت لاتارىيەچىلىرى دەسلەپتە 80 نومۇرغا دۇچ كەلگەندە نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغان، قانداق تاللاش كېرەكلىكىنى بىلمەي، پەقەت ئاپتوماتىك نۇمۇر تاللاپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ئەھۋالى يۈز بەرگەن، ھازىرغا قەدەر ئاستا-ئاستا بىر قىسىم يوللارنى تېپىپ چىقتى، «شادلىق 8» نى مۇرەككەپ، دەنتو ئۇسۇل بىلەن سېتىۋېلىشقا باشلىدى، بۇ قىسقىغىنە بىر ئاي ئىچىدە مەيلى مال ساتقۇچى ياكى لاتارىيەچى بولسۇن، ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى باشتىن كەچۈرۈپ، بۇ يېڭى ئويۇننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە شاھىت بولۇپ، ئۆسۈپ يېتىلىش يولىدا «خۇشاللىق 8» ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقنى ھېس قىلىدى.

2 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، 65030056 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى بىر ئايال لاتارىيەچىنى كۈتىۋالدى، ئۇ بەشنى تاللاش ئۇسۇلى بويىچە بېلەت سېتىۋالغان لاتارىيەچى شىياۋچېن. بىلەت سېتىۋالىدىغان ۋاقىتتا مال ساتقۇچى خادىم: « قانچىنچى نومۇرنى سۆرەيسىز؟ ياكى پۈتۈنلەي سۆرەمسىز؟»-دەپ سورىدى.   شياۋچېن يان تېلېفونىنى چىقىرىپ خەت ئۇرغاچ، ساتقۇچىغا جاۋاب قايتۇرۇپ: « توختاپ تۇرۇڭ، مەن توپتىكى باشقىلاردىن سوراپ باقاي، بىز شېرىكلىشىپ سېتىۋېلىشقا تەييارلىنىۋاتقان.»-دېدى. شياۋچېن تۆت تال بىلەتنى سېتىۋېلىشنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ساتقۇچى چاققانلىق بىلەن بېلەت چىقىرىپ ئۇنىڭغا بەردى: ـــ«ۋوي، ئىلگىرى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى 9 نى، 10 نى تاللاش ئۇسۇلىنى قوللىناتتى، بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم بەشنى تاللاش بېلىتىنى سېتىشىم! سىلەرگە ئامەت تىلەيمەن!»-دېدى، ئارقىدىن شياۋچېن لاتاريەنى سۈرەتكە تارتىپ ھەمراھلىرىغا ئەۋەتىپ بەردى. كەچتە مۇكاپات باشلانغاندا، بىرلىشىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغان لاتارىيەچىلەر كىچىك توپتا كەيپىيات ئۈزلۈكسىز ئەۋجىگە چىقتى، بارلىق نومۇرلارنىڭ ھەممىسى چىقىرىلغاندىن كېيىن، شياۋچېن تاللىغان تۆت نۇمۇرنىڭ ھەممىسىى چىققان بۇلۇپ، جەمئىي 16 دو بەشتىن بەشنى تاللاش، 60 دو بەشتىن تۆتنى تاللاش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 17260 يۈەن بولدى.

بۇ قېتىم بىرلىشىپ سېتىۋالغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ دوستلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۇنجى قېتىم لاتارىيە سېتىۋالغان يېڭى كىشىلەر ئاز ئەمەس، ھەر بىر ئادەم دو تىككەن پۇل 10 يۈەنگە يەتمەيدۇ، مۇكاپات سوممىسى 1000 يۈەنگە يېتىدۇ. ئەتىسى سەھەردە، شياۋچېن ۋەكىل بولۇش سۈپىتى بىلەن شىخەنزە پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ 17260 يۈەن مۇكاپات پۇلىنى قۇلىغا ئالدى، ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:«دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى بىرلىشىپ سېتىۋېلىش پائالىيىتىگە داۋاملىق قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بىر نەچچە لاتارىيەچىلەرمۇ مەندىن ئويۇن قائىدىسىنى سوراپ، ئويناش ئۇسۇلىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ باقماقچى بولدى.»-دېدى.

9.png

分享到: