新闻详情

شادلىق 8 ئۇيۇنى ئاستا ـ ئاستا كۆتۈرۈلۈۋاتقان «يىڭى يۇلتۇز» غا ئايلاندى

发表时间:2021-02-05 11:58作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

پاراۋانلىق لاتارىيەسى «شادلىق 8» ئويۇنى 1 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى شىنجاڭ رايونىدا بازارغا سېلىنغاندىن بۇيان، قىزىقارلىق ئويناش ئۇسۇلى، مۇكاپات سوممىسىنىڭ يۇقىرى بۇلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت لاتارىيەچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، شىنجاڭنىڭ لاتارىيە شەھىرىدە ئاستا ـ ئاستا كۆتۈرۈلۈۋاتقان «يىڭى يۇلتۇز» غا ئايلاندى.

جۇڭگو پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىشنى باشقۇرۇش مەركىزى كەڭ لاتارىيەچى دوستلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى ھالەتتە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشى ئۈچۈن، 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، «شادلىق 8» ناملىق ئويۇننى يېڭى قارار مۇكاپات ئېچلىش ۋاقتىنى تەڭشەپ، ھەر كۈنى سائەت 22 دىن 21:05 گە ئالدىغا سۈردى، يەنى «شادلىق 8» ناملىق لاتارىيەنىڭ ئالدىنقى بىر قارار سائەت 21 دە ئاخىرلاشتۇرۇلدى، 5 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، 21:05 دە كېيىنكى قارار «شادلىق 8» ناملىق لاتارىيە بېلىتىنى سېتىۋالغىلى بۇلىدۇ، بۇ لاتارىيەچى دوستلارغا زور قولايلىق ياراتتى. بۇنىڭدىن باشقا، 2 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن باشلاپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى بارلىق لاتارىيە بېلىتى سېتىش پونكىتلىرىدا «شادلىق 8» ئويۇنى مۇكاپاتىنى نەقلەشتۈرگىلى بۇلىدۇ. «يىڭى قارار ۋاقتى» تەڭشەلدى،   «پۈتۈن شىنجاڭدا بىرتۇتاش نەقلەشتۈرۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى، كەڭ لاتارىيەچىلەر تېخىمۇ خۇشال، تېخىمۇ قولايلىق ھالدا «شادلىق 8» ئويۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالالايدىغان بولدى!

بۇ يەردە كەڭ لاتارىيەچىلەرگە شۇنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىمىزكى، «شادلىق 8» ئويۇنىدىكى يەككە لاتارىيە بېلىتىدە مۇكاپات سوممىسى 500 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغان لاتارىيەچىلەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزىدە مۇكاپات نەقلەشتۈرۈلىدۇ؛ يەككە لاتارىيە بېلىتىدە مۇكاپات سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن 500 مىڭ يۈەنگىچە (500 مىڭ يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولغان لاتارىيەچىلەر ھەر قايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) لەرنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدە مۇكاپات نەقلەشتۈرۈلىدۇ؛ يەككە لاتارىيە بېلىتىدە مۇكاپات سوممىسى 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن (10 مىڭ يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) لاتارىيەچىلەر شىنجاڭدىكى خالىغان پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا مۇكاپات نەقلەشتۈرسە بۇلىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن لاتارىيەنى نەقلەشتۈرۈش مۇددىتى 60 تەبىئىي كۈن، كەڭ لاتارىيەچىلەرنىڭ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى سورايمىز.

分享到: