新闻详情

بۇ ئىشتا يارلىنىش بولامدۇ؟

发表时间:2021-02-20 10:56作者:ئەلكۈيى来源:مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى

640-24.gif640-59.png

بۇ يىل چاغاندا نۇرغۇن كىشى ئۆز جايىدا چاغان ئۆتكۈزۈشنى تاللىدى، بەزى ئورۇنلار ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە چاغانلىق جەم بولۇش تامىقى ئۇيۇشتۇرۇپ بەردى. بىراق، «قەلبنى ئىللىتىدىغان تاماق»مۇ «كۆڭۈل ئاغرىتىدىغان ئىش»غا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

بەزىلەر ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن شىركەتنىڭ چاغانلىق يىغىلىشىغا بېرىش جەريانىدا، بەختكە قارشى قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ، دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان. بۇ ئىشچى-خىزمەتچىنى ئىشتا يارىلىنىش دەپ بېكىتىشكە بولامدۇ-يوق، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلدى.

شىركەتنىڭ چاغانلىق يىغىلىشىغا بېرىش جەريانىدا قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىسا، ئىشتا يارىلىنىش ھېسابلىنامدۇ؟

لاۋ جاڭ مەلۇم ئامانلىق ساقلاش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، مەلۇم ئاپتوموبىل شىركىتىگە ئامانلىق ساقلاش خىزمىتىنى ئىشلەشكە ئەۋەتىلگەن. ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى، بۇ ئاپتوموبىل شىركىتى كەچ سائەت يەتتىدە مېھمانخانىدا خىزمەتچىلەرنى چاغانلىق جەم بولۇش تامىقى يېيىشكە تەشكىللىگەن. كەچقۇرۇن، ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىنىڭ باشلىقى قوشۇلغاندىن كېيىن، خىزمەتداشلار بىلەن لاۋ جاڭ ئارقا-ئارقىدىن ئىشتىن چۈشكەن. ئويلىمىغان يەردىن لاۋ جاڭ ۋېلىسىپىت مىنىپ ئۆيگە قايتىپ كىيىم ئالماشتۇرۇش يولىدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

لاۋ جاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىغا ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرغان، مەزكۇر تارماق كېيىن ئىشتا يارىلىنىشنى تەكشۈرۈش تەرتىپىنى قانات يايدۇرغان ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا لاۋ جاڭ ئىشتىن چۈشۈش جەريانىدا ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدىغان قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن دەپ قاراپ، ئىشتا يارىلىنىش دەپ بېكىتىلگەن.

لېكىن، ئامانلىق ساقلاش شىركىتى باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ،ئىشتا يارىلىنىش قارارىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ئامانلىق ساقلاش شىركىتى لاۋجاڭنىڭ خىزمەت ۋاقتى سائەت ئەتىگەن يەتتىدىن، كەچ يەتتىغىچە، قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن ۋاقىت كەچ سائەت ئالتىدىن 10 مىنۇت ئەتراپىدا، لاۋجاڭ خىزمەت ۋاقتىدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان، دەپ قارىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لاۋ جاڭ ئۆزى بىلەن ئىسمېنا ئالمىشىدىغان خىزمەتچىلەر تېخى ئىش ئورنىغا كەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، مۇددەتتىن بۇرۇن ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ ئۆيىگە قايتقان، ھەمدە بىۋاستە شىركەت ئۇيۇشتۇرغان چاغانلىق جەم بولۇش تامىقى يەيدىغان جايغا بارمىغان.

سوت مەھكىمىسى: ئىشتا يارىلىنىش دەپ بېكىتىپ، دەۋاگەرنىڭ دەۋاسىنى رەت قىلىش كېرەك.

شاڭخەي پۇدۇڭ سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندىن كېيىن قارىشىچە، «ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى نىزامى»نىڭ 14-ماددىسىنىڭ (6) تارماقچىسىدا مۇنداق دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن: ئىشقا بېرىش ۋە ئىشتىن چۈشۈش يولىدا ئۆزىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى بولمىغان قاتناش ھادىسىسى ياكى شەھەر رېلىسلىق قاتنىشى، يولۇچىلار كېچىك كېمىسى، پويىز ھادىسىسىدە يارىلانغانلارنى ئىشتا يارىلىنىش دەپ بېكىتىش كېرەك. قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن ۋاقىت ۋە ئورۇندىن قارىغاندا، لاۋ جاڭ ئىشتىن چۈشۈش جەريانىدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن ھەمدە ئۆزى ھادىسە جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىغان، ئىشتا يارىلىنىش دەپ بېكىتىشكە تېگىشلىك ئەھۋالغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.

دېلودىكى دەلىل-ئىسپاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، لاۋ جاڭ ھەقىقەتەن ئامانلىق ساقلاش ئەترىتىنىڭ باشلىقى قوشۇلغاندىن كېيىن، مۇددەتتىن بۇرۇن ئىش ئورنىدىن ئايرىلغان ھەمدە خىزمەت ئورنىدىن تۇرۇشلۇق جايىغا بېرىشتىكى مۇۋاپىق يول لىنىيەسىدە قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن، ئىشتىن چۈشۈش جەريانىدا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىشنى بېكىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىكەن. لاۋ جاڭنىڭ ئۆيگە قايتىپ پۇقراچە كىيىم ئالماشتۇرۇپ زىياپەتكە قاتنىشىشى قائىدىگە ئۇيغۇن بولۇپ، بىۋاسىتە يىغىلىشقا بارمىغان جاي ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىشنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىش شەرتى بولالمايدۇ.

شۇڭا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىنى تەتبىقلاپ، ئەرز قىلىنغان ئىشتا يارىلىنىش توغرىسىدا قارار چىقىرىپ، پاكىتنى ئېنىق، قانۇننى توغرا تەتبىقلىشى كېرەك. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئىشتا يارىلىنىشنى بېكىتىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە ئەرز قىلىنغان ئىشتا يارىلىنىش قارارىنى چىقىرىدۇ ھەمدە قانۇن بويىچە يەتكۈزىدۇ، قانۇن ئىجرا قىلىش تەرتىپى قانۇنلۇق. يىغىپ ئېيتقاندا، دەۋاگەر مەلۇم ئامانلىق ساقلاش شىركىتىنىڭ ئىشتا يارىلىنىش قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىشى، پاكىت ۋە قانۇن ئاساسى كەمچىل بولغاچقا، قوللاشقا بولمايدۇ.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



分享到: