新闻详情

كىلىنكىنى چۈشۈنەمسىز؟

发表时间:2021-02-20 11:01作者:ئەلكۈيى来源:ۋاڭيى تورى

640-24.gif640-59.png


تاشقى كېسەللىكلەر ئىلىمى بىر قەدىمىي پەن، ھازىرغا قەدەر تەخمىنەن 200 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. ئۇزۇندىن بۇيان كىلىنىكا بىرىنچى سېپىدە ئىزچىل خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرلىرى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ھەر كۈنى ئامبۇلاتورىيە-كېسەلخانا-ئوپېراتسىيە ئۆيىگە قاتراپ يۈرمەكتە. ھەر كۈنى بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوپېراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولدىمۇ-يوق؟ كېيىنكى ئوپېراتسىيە بىخەتەرمۇ؟ ھەر خىل ئوپېراتسىيە ئەگەشمە كېسەللىكلىرى ۋە مۇرەككەپ ۋە داۋالاش تەس بولغان كېسەللەرنى بىر تەرەپ قىلىش، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىمەكتە.

21-ئەسىردىكى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىكنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ماھارەت پەنلىرى ئەمەس، بۈگۈنكى تاشقى پەنلەرنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە ئىلمىي مەزمۇنىنى چۈشىنىش ۋە تونۇش تاشقى كېسەللىكلەردە ناھايىتى مۇھىم. ئۆتمۈشىنى چۈشىنىش بىزنى بۇ پەننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى تونۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، بىزنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىتىدۇ، تۆۋەندە بىز تاشقى كېسەللىكلەر ئىلىمىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنىنى قىسقىچە چۈشىنىپ باقايلى.

ئەڭ دەسلەپكى تارىخىي خاتىرىلەردىن تارتىپ تاكى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە، تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى ھەمىشە كىشىنى ۋەھىمىگە سالغان، ئوپېراتسىيەدە دائىم جانغا زامىن بولۇپ، قان كۆپ چىقىپ كېتىش ۋە يۇقۇملىنىش قوشۇلۇپ كەلگەن. 14-ئەسىردە كۆپ ساندىكى تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەلىرىنى باشلانغۇچ مائارىپنى قوبۇل قىلغان ساتىراش ۋە بەزى «جاھانكەزدى تېۋىپلار» قىلغان. ئۇلار ھەرقايسى جايلاردا يۈرۈپ چاچ ياسىغان، قوشۇمچە يىرىڭلىق ئىششىقنى كېسىش، سۇنۇقنى ئاددىي مۇقىملاشتۇرۇش، يارا ئېغىزىنى ئاددىي تېڭىش، چىش تارتقۇزۇشنى تاماملىغان، بەزىدە بارمىقى، پۇت-قولى ياكى كۆكسىنى كېسىپ ئېلىۋېتىدىغان «ئوپېراتسىيە» قىلغان، 15-ئەسىرگە كەلگەندە ئەينى ۋاقىتتىكى دوختۇرلار تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسىگە قىزىقىشقا باشلىغان.

تارىختا تاشقى پەنلەرنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىش سەۋەبى تۆۋەندىكىدەك : (1) ئادەم ئاناتومىيەسىنىڭ بارلىققا كېلىشى (16-ئەسىر)؛ (2) تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسىنىڭ قاناشنى كونترول قىلىشى (16-ئەسىر)؛ (3) ناركوزنىڭ بارلىققا كېلىشى (19-ئەسىر)؛ (4) يۇقۇملىنىشنى كونترول قىلىش تېخنىكىسى (19-ئەسىر). 16-ئەسىردە ئاناتومىيە ئالىمى ئاندرىياس ۋېسالىيۇس (1564-1514) ئىتالىيەدە دۇنيا بويىچە تۇنجى مۇكەممەل بولغان ئادەم ئاناتومىيەسى ئەسىرى «ئادەم بەدىنى تۈزۈلۈشىى»نى تاماملىغان، بۇ ئىنسانلارنىڭ ئادەم بەدىنى ئاناتومىيەسى توغرىسىدىكى تۇنجى يىرىك ئەسىرى بولۇپ، ئىلگىرىكى كۆپ ساندىكى ئادەم ئاناتومىيەسى توغرىسىدىكى بىلىملەر ھايۋانلارنىڭ بەدەن تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن قىياس قىلىنغان ئىدى.

تاشقى كېسەللىكلەر ئىلمىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئىلگىرىلەش ئوپېراتسىيەدە قان توختىتىش بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئوپېراتسىيەدە قان توختىتىش ئۇسۇلى قىزىتىلغان ماينى ئوپېراتسىيە قىلىنغان يارا ئېغىزىغا قۇيۇپ قان توختىتىشتىن ئىبارەت ئىدى. 16-ئەسىردە فىرانسىيەلىك تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى ئامبروسى (1590-1510) قان تومۇرنى بوغسا باشقا ئۇسۇلغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان قان توختاتقىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. 1846-يىلى ئامېرىكىلىق دوختۇر مورتون ئېتىل ئېفىرنى پۈتۈن بەدەننى ناركوز قىلىش دورىسى قىلغان، شۇنىڭدىن باشلاپ ئېتىل ئېفىردا ناركوز قىلىش تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسىدە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلغان. ئەنگلىيە تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى جوسىف لستېر (1912-1827) باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش تېخنىكىسىنى يارا ئېغىزىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئوپېراتسىيە قىلىش جەريانىغا كىرگۈزگەن. يۇقىرىقى تۆت مۇھىم بايقاش ھازىرقى زامان تاشقى پەنلەر تەرەققىياتىغا ئاساس سالدى، 20-ئەسىرگە كىرگەندىن كېيىن تاشقى پەنلەر ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، رېنتىگېن نورى بايقالدى، 1901-يىلى ئاۋسترىيە ئىچكى كېسەللىكلەر دوختۇرى كارل لاندېستىنىر ئىنسانلارنىڭ ئاساسلىق قان تىپىنى بايقىدى، شۇنىڭدىن باشلاپ قان سېلىش خەۋپ-خەتىرى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان ئۇسۇل بولۇپ قالدى.

20-ئەسىردە تاشقى كېسەللىكلەر ئىلىمى يېڭى تەرەققىيات دەۋرىگە قەدەم قويدى، ئاناتومىيە بىلىملىرى، ناركوز تېخنىكىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى، ئۈنۈملۈك قان توختىتىش ئۇسۇلى ۋە باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ كىرگۈزۈلۈشى بىلەن تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى تېخىمۇ بىخەتەر بولدى، نۇرغۇن يېڭى تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى ساھەسى ئېچىلدى، ئىنسانلارنىڭ تاشقى كېسەللىكلەر تېخنىكىسى ئارقىلىق كېسەللىكنى ھەل قىلىش يولى يولغا قويۇشقا بولىدىغان بولدى ھەمدە بۈگۈنگىچە داۋاملاشتى.

تاشقى كېسەللىكلەر ئىلىمى تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر سالساق، ئەمەلىيەتتە پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات تارىخىدۇر. تاشقى پەنلەرنىڭ تەرەققىياتى ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىساد، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىدىن ئايرىلالمايدۇ. 200 نەچچە يىلدىن بۇيان تاشقى كېسەللىكلەر ئىلىمى «جاھانكەزدى تېۋىپلار»، «ساتىراش»لارنىڭ ئاددىي كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىكى «قول ھۈنەرۋەنچىلىك»دىن تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ، كىلىنىكا مېدىتسىناسىدىكى مۇھىم ئەۋزەللىككە ئىگە پەنگە ئايلاندى، بىر يۈرۈش مۇكەممەل پەن سىستېمىسى شەكىللەندى. تارىخ نۇقتىسىدا تۇرغىنىمىزدا، ئۇلۇغ تاشقى كېسەللىكلەر پېشۋالىرىنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى تاشقى پەن تەرەققىياتىنىڭ باشلىنىشى بىلەنلا تاشقى پەننىڭ ئىلمىي مەزمۇنى ۋە قىممەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، تاشقى پەننىڭ بۈگۈنكى غايەت زور مۇۋەپپەقىيىتىنى ياراتقان.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



分享到: