新闻详情

ئوباما فىلىم ئىشلىمەكچىمۇ؟

发表时间:2021-02-20 11:08作者:ئەلكۈيى来源:بەيدۇ تورى

640-24.gif640-59.png


رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 5-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئوباما ۋە ئۇنىڭ خانىمىنىڭ فىلىم ئىشلەش شىركىتى بۇ شىركەتنىڭ نېتفلكىس (Netflix) شىركىتىگە ئالتە يېڭى فىلىم ئىشلەپ بېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە بىر ئۆزگىچە مۇھەببەت تىياتىرى ۋە بىر قورقۇنچلۇق فىلىم بارلىقىنى جاكارلىغان.

نېتفلكىس شىركىتىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئوباما ئەر-خوتۇننىڭ فىلىم ئىشلەش شىركىتى پاكىستانلىق پۇشتىدىن بولغان ئەنگلىيەلىك يازغۇچى مۇھسىن خەمىدنىڭ «غەربكە قېچىش» ناملىق ھېكايىسىنى كىنو قىلىپ ئىشلەيدىكەن. روماندا بىر جۈپ ياش ئەر-خوتۇننىڭ ھېكايىسى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنى باشقا جايلارغا ئاپىرىپ قويىدىغان سىرلىق ئىشىكنى تاپقان ھەمدە يەر شارىدا مۇساپىرلار كىرىزىسى يۈز بەرگەندە بۇ جايلارغا بېسىپ كىرگەن.

باشقا كىنولار «سۈنئىي ھەمراھ» (卫星) ناملىق ئىلمىي فانتازىيەلىك كىنونى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. يەنە بىرى «تېنزىڭ» (丹增) ناملىق كىنو بولۇپ، ئۇنىڭدا نېپاللىق ئەر تېنزىڭ بىلەن يېڭى زېلاندىيەلىك سېر ئېدموند ھىلارىنىڭ تۇنجى قېتىم جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىققانلىقى بايان قىلىنغان. بۇنىڭ يەنە بىرى «ياش ئايال» (年轻的妻子) ناملىق ھېكايە فىلىم ئىكەن.

نېتفلكىس شىركىتى بۇ يېڭى فىلىملەرنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئوباما ئەر-ئايال 2018-يىلى نېتفلكىس شىركىتى بىلەن ئۇزۇن يىللىق فىلىم ئىشلەش كېلىشىمى ئىمزالىغان.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



分享到: