新闻详情

پاراۋانلىق  لاتارىيە چاغانلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرىشى

发表时间:2021-02-05 16:22作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

2021 ـ يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پاراۋانلىق

لاتارىيە چاغانلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرىشى


مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ «2021-يىللىق لاتارىيە بازىرى دەم ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 2020-يىل 44-نومۇرلۇق ئۇقتۇرىشى) دىكى تەلەپكە ئاساسەن، ھازىر 2021-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيە بازىرى چاغانلىق دەم ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش كونكرېت ئۇقتۇرۇشى تۆۋەندىكىچە:

1
دەم ئېلىش ۋاقتى

دەم ئېلىش ۋاقتى:2021-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 0:00 دىن 2-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 24:00 كىچە بولۇپ، جەمئىي 10 كۈن بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە، شىنجاڭ رايونىدىكى ھەر خىل كومپيۇتېر تىپىدىكى پاراۋانلىق لاتارىيە ئويۇنلىرىنى سېتىش، مۇكاپات ئېچىش ۋە مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش خىزمىتى توختىتىلىدۇ، يەنى ئېچىۋېتىلگەن پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى سېتىش ۋە مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش سىستېمىسى نورمال ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ھەرقايسى سېتىش نۇقتىلىرى سېتىش ۋە مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن نورمال قانات يايدۇرسا بولىدۇ.

2. ھەر خىل ئويۇنلارنى سېتىش، مۇكاپات ئېچىش ۋاقتى

1) « 35 تىن 7 نى تاللاش، 25 تىن 7 نى تاللاش، 18 تىن 7 نى تاللاش» تىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئويۇن 2-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 0:00 دە سېتىلىشتىن توختايدۇ، 2-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەر سائەت 4:00 دە سېتىلىشقا باشلايدۇ. 2-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە مۇكاپات ئېچىلىدۇ (2021013-قارار).

(2) « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 0:00 دە سېتىلىشتىن توختايدۇ، 2-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەر سائەت 4:00 دە سېتىلىشقا باشلايدۇ. 2-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە مۇكاپات ئېچىلىدۇ (2021017-قارار).

(3)«يەتتە نۇمۇر شادلىقى» ئويۇنى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 0:00 دە سېتىلىشتىن توختايدۇ، 2-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەر سائەت 4:00 دە سېتىلىشقا باشلايدۇ. 2-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە مۇكاپات ئېچىلىدۇ (2021018-قارار).

(4) «3D» ئويۇنى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 0:00 دە سېتىلىشتىن توختايدۇ، 2-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەر سائەت 04:00 دە سېتىلىشقا باشلايدۇ. 2-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە مۇكاپات ئېچىلىدۇ (2021040-قارار).

(5) «شادلىق 8» ئويۇنى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى سائەت 0:00 دە سېتىلىشتىن توختايدۇ، 2-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەر سائەت 4:00 دە سېتىلىشقا باشلايدۇ. 2-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچتە مۇكاپات ئېچلىدۇ (2021040-قارار).

(6) «دائىملىق لاتارىيە» ئويۇنى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 24 تە سېتىلىشتىن توختىتىلىدۇ، 2-ئاينىڭ 8-كۈنى 42-قارار مۇكاپات ئېچىلىدۇ.

(7) ئېچىۋېتىلگەن پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتىنى سېتىش ۋە مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش سىستېمىسى نورمال ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

يۇقىرىقى ۋاقىتنىڭ ھەممىسى بېيجىڭ ۋاقتى.

3. مۇكاپات نەقلەشتۈرۈشكە ئائىت ئىشلار

چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، بارلىق كومپيۇتېر تىپىدىكى پاراۋانلىق لاتارىيەسى مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈلمەيدۇ. كومپيۇتېرلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ مۇكاپات چىققان ئەڭ ئاخىرى قارار چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە بولسا، مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش ۋاقتى چاغانلىق دەم ئېلىش كۈنىدىن كېيىنكى تۇنجى خىزمەت كۈنى (2-ئاينىڭ 19-كۈنى) گە ئۇزارتىلىدۇ؛ مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش مۇددىتى چاغانلىق دەم ئېلىش مەزگىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 كۈن ئچىدە بولسا، مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش مۇددىتى 63 تەبىئىي كۈنگە تەڭشىلىدۇ (ئەگەر مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش مۇددىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنى شەنبە، يەكشەنبە ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىش كۈنى بولسا، بۇ ۋاقىتتىن كېيىنكى تۇنجى خىزمەت كۈنىگە ئۇزارتىلىدۇ). پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى ۋە ئۈندىدار مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش سۇپىسى 10 مىڭ يۈەن (10 مىڭ يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن تۆۋەن بولغان پاراۋانلىق لاتارىيە مۇكاپات پۇلىنى نەقلەشتۈرەلەيدۇ.

ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى تارقىتىش مەركىزى

2021-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى


分享到: