新闻详情

ماشىنا ئۇزاق توختىىپ قويۇلسا بولامدۇ؟

发表时间:2021-02-20 11:28作者:ئەلكۈيى来源:بەيدۇ

640-24.gif640-59.png

ئاپتوموبىل بىر مەزگىل بىكار تۇرغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىلدا بەزى كىچىك مەسىلىلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدىغان بولۇپ، بۇ ئۇششاق مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تۆۋەندە ئاپتوموبىلنى ئۇزاق ۋاقىت توختاتقاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك قانداق ئىشلارنىڭ بارلىقىنى بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

1. ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ئاپتوموبىلنى ئۇزۇن ۋاقىت توختاتقاندا، ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى سىرنى ياخشى قوغداشقا دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى، يوپۇرماق تۆكۈلۈش، چاڭ-توزان، دەرەخ شاخلىرى سۇنۇپ كېتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ماشىنا سىرلىرىنى بەلگىلىك زەخىملەندۈرىدۇ، ھەتتا داتلاشتۇرۇپمۇ قويىدۇ.

ئاپتوموبىلنى قانداق توختىتىپ قويۇشقىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بەرمىسەك بولمايدۇ. ئەگەر بىكار تۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇن بولسا، ئامال بار ئاپتوموبىلنى ئاپتوموبىل ئىسكىلاتىغا توختىتىپ، ئاپتوموبىلنى شامال، كۈن نۇرى، يامغۇرنىڭ زىيىنىدىن ساقلاپ، تۆكۈلۈپ يىغىلىپ قالىدىغان يوپۇرماقلار ۋە سۇنۇپ كەتكەن ئۇچلۇق دەرەخ شاخلىرى قاتارلىق غەيرىي نەرسىلەرنىڭ ئاپتوموبىلنىڭ سىرىغا زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئامال بار قۇرغاق سالقىن جاينى تېپىش، ئەڭ ياخشىسى دەرەخ ئاستى ياكى بىنانىڭ ئاستىغا توختاتماسلىق كېرەك. بۇنداق قىلغاندا دەرەخ شاخلىرى ياكى ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئېگىز بوشلۇقتىن چۈشكەن نەرسىلەرنىڭ ئاپتوموبىلنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ زەخىملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. شۇڭا، سىرتتا ئۇزۇن ۋاقىت ئاپتوموبىل توختاتقاندا، ئاپتوموبىل ياپقۇسىنى ئىشلىتىپ، چاڭ-توزان ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ سىزنىڭ ئامراق ماشىنىڭىزغا زىيان يەتكۈزۈشىنى ئازايتىش كېرەك.

2. ئاككۇمۇلياتوردىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ئاپتوموبىلنىڭ بىكار تۇرغان ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، ئاككومۇلياتورنىڭ توكى تۈگەپ كېتىشى مۇمكىن. نۇرغۇن نۇرداشلارمۇ بۇ خىل ئەھۋالغا يولۇققان بولۇشى مۇمكىن. ئاككۇمۇلياتور ئادەتتە ئاپتوموبىل مېڭىۋاتقاندا ئۆزىگە ئاپتوماتىك توك قاچىلىيالىغان بىلەن، ئاپتوموبىل بىكار بولغاندا ئاككۇمۇلياتورمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق خورايدۇ. ئەمما ھەربىر ئاپتوموبىلنىڭ ئاككۇمۇلياتورىنىڭ تىپى، ئىشلىتىش ۋاقتى ۋە تۈرىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا قاراپ، سەرپ بولۇش ئەھۋالىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

ئاپتوموبىل بىكار تۇرغان مەزگىلدە، ئاپتوموبىل ئىگىسى ئەڭ ياخشىسى دوستى ياكى ئائىلىسىدىكىلەرنى ياردەملىشىپ ئاپتوموبىلنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا تەكلىپ قىلىپ، بىر ھەپتە ياكى ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئاپتوموبىلنى نەچچە مىنۇت قوزغىتىپ قويۇش ئارقىلىق ئاككۇمۇلياتورغا توك قاچىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتوموبىلنىڭ باشقا چاتىقى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ باقسا بولىدۇ. ئەگەر ئاپتوموبىلنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئادەم تېپىلمىسا، ئاككومۇلياتورنىڭ مەنپىي قۇتۇپى قىسقۇچىنى سۇغۇرىۋېتىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا توكمۇ سەرپ بولمايدىغان بولۇپ، قايتا قوزغاتقاندا قىسقۇچىنى جايىغا ئورنىتىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.

3. بالونغا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

ئاپتوموبىلنى ئۇزاق مۇددەت توختىتىپ قويغاندا، بالوندا يەل قېچىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن ھەم يەل ئۇرۇش كلاپان ئۆزىكىمۇ (气门芯) كونىراپ كېتىشى مۇمكىن. بالون بۇرۇن بىر رېمونتقا چۈشكەن بولسا، ئۇزاق ۋاقىت توختىتىپ قويۇش جەريانىدا ياماقنىڭ يېلىمدىن يەل قېچىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشىمۇ مۇمكىن. يەنە چاق بۇلى بىرەر يەرگە ئۇرۇلۇپ شەكلى ئۆزگىرەش ئەھۋالى كۆرۈنگەن بولسا، ئۇنىڭ بالون بىلەن بولغان يوچۇقىمۇ بالوننىڭ يېلى چىقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇزاق مۇددەت بىكار تۇرىۋاتقان ئاپتوموبىلنىڭ بالونىنىڭ بېسىمىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك. بالوننىڭ ھاۋا بېسىمى يېتىشمىگەندە، بالونغا ۋاقتى-ۋاقتىدا يەل ئۇرۇپ تۇرۇش ھەم بالوننىڭ كونىراش ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ قويۇش كېرەك. ئەگەر بالوندا دەز كېتىش ۋە تومپىيىپ چىقىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، بالوننى ۋاقتىدا ئالماشتۇرىۋېتىش كېرەك.

4. كاۋچۇكتىن ياسالغان بۇيۇملاردىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

بالوننىڭ مەسىلىسىنى سۆزلەپ ئۆتكەندىن كېيىن، باشقا كاۋچۇكتىن ياسالغان بۇيۇملار، مەسىلەن، دېرىزە ئەينىكىنىڭ ھىملاش تاسمىسى، يەتكۈزۈش تاسمىسى ۋە ئاپتوموبىل ئىچىدىكى بەزى يۇمشاق تۇرۇبىلارنىڭ ھەممىسى كاۋچۇكتىن ياسالغان. كاۋچۇك ماتېرىيالى سىرتتىكى بوران-چاپقۇنلۇق مۇھىتتا كونىراپ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، بولۇپمۇ قۇياش نۇرى ۋە تۆۋەن تېمپېراتۇرا كاۋچۇكنىڭ قېرىشىنى تېزلىتىدۇ، كاۋچۇك بۇيۇملىرى بېنزىن، ئاپتول بىلەن بۇلغانغاندىن كېيىن، جىسمى كېڭىيىپ، ئارقىدىكى يىلىمسىمان ماددا بوشاپ، ئىلاستىكىلىقى تۆۋەنلەيدۇ.

5. ئاپتوموبىل ئىچكى مۇھىتىدىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ئاپتوموبىل ئۇزاق ۋاقىت بىكار تۇرغاندا، ئىچىگە يېمەكلىك ياكى ئىچىملىك قويماسلىق كېرەك. پىچىتى ئېچىلغان يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەر ماشىنىدا ئۈچ-تۆت كۈن تۇرسىلا كۆكىرىپ، سېسىيدۇ ۋە ماشىنىنىڭ ھاۋاسىنى بۇلغايدۇ.

6. كىچىك ھايۋانلارنىڭ كىرىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ تۇرۇش كېرەك

موتور بۆلۈمچىسىگە كىچىك ھايۋانلارنىڭ كىرىۋېلىشى ناھايىتى ئاۋارىچىلىق ئىش بولۇپ، ئاپتوموبىل ئىچىدىكى توك سىملىرىنى ئاسانلا چىشلەپ بۇزۇۋېتىدىغان بولۇپ، ئۇلار يەپ قالغان يېمەكلىك قالدۇقلىرى موتور بۆلۈمچىسىدە كاشىلا پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئەڭ مۇھىمى، ئۇلارنى بايقىماي تۇرۇپلا ماشىنا ھەيدىسەك، بەختكە قارشى تىراگېدىيەلەر يۈز بېرىشى مۇمكىن.

ئامال بار موتور بۆلۈمچىسىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، كىچىك ھايۋانلارنىڭ كىرگەن-كىرمىگەنلىكىگە قاراپ تۇرۇش كېرەك. شۇ ئەسنادا ئاپتول، توڭلاشتىن ساقلاش سۇيۇقلۇقى قاتارلىق ماي سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ يېتەرلىك ياكى يېتەرلىك ئەمەسلىكىگىمۇ دىققەت قىلىپ قويۇش كېرەك.

7. ئاپتوموبىلنى قايتا ئىشلىتىشكە تەييارلىق قىلغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

ئاپتوموبىلنى قايتا ئىشلىتىشكە تەييارلىق قىلغاندا، چوقۇم ئالدى بىلەن ئۇنىڭ پۈتۈن ھالىتىنى ئوبدان تەكشۈرۈش كېرەك. بالون زىيانغا ئۇچرىدىمۇ-يوق، ئاككۇمۇلياتوردا توك بارمۇ-يوق دېگەنلەرنى تەكشۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئاپتوموبىل ئىشىكى، ئاپتوموبىل دېرىزىسىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، ھەر خىل ماي سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاشقان ساقلانمىسىنى تەكشۈرۈپ چىقىش، ئاندىن ئاپتوموبىلنى قوزغىتىپ بىخەتەرلىك ئەسلەتمە چىراغلىرى يورۇپ قالدىمۇ-يوق بىر تەكشۈرىۋېتىپ، ئاندىن ئەڭ ئاخىرىدا ئاپتوموبىلنى يۇيۇپ پاكىزلايمىز.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



分享到: