新闻详情

ئىرادىلىك كىشىلەرنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيىسى  چوڭ ئائىلىسىگە كىرىشىنى قارشى ئالىمىز

发表时间:2021-02-06 18:41作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

ئىرادىلىك كىشىلەرنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيىسى

چوڭ ئائىلىسىگە كىرىشىنى قارشى ئالىمىز


يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىق جەھەتتىكى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىن ئىبارەت بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى، نۇرغۇن كىشلەر پاراۋانلىق لاتارىيەسىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئائىلىگە كىرىپ، پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى ۋاكالىتەن ساتقۇچىغا ئايلىنىپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرى ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچىنى چىقىرىشنى ئۈمىد قىلدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى سېتىش پونكىتىنى ئىلتىماس قىلغىلى بولىدۇ؟ ناھايىتى ئاددىي، پەقەت تۆۋەندىكى بىر قانچە باسقۇچنى ئېلىپ بارساقلا بولىدۇ.

بىرىنچى قەدەم: ئاشكارا چاقىرىش ئۇچۇرىغا دىققەت قىلىش

ۋىلايەتلىك (ئوبلاستلىق، شەھەرلىك) پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى ئاشكارا ھالدا لاتارىيە بېلىتى ۋاكالىتەن ساتقۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ۋە تىزىمغا ئالدۇرۇش پونكىتى ئۇرۇنلاشتۇرۇش خىزمەت ئۇسۇلىنى ئېلان قىلىدۇ، شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئاشكارا ئۇقتۇرۇشىنى ئالدىن ئېلان قىلىدۇ ھەم بوش رايونلارنى ئېلان قىلىدۇ. ئەگەر ئورۇن ياكى شەخسلەر پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى ۋاكالىتەن ساتماقچى بولسا، ئاشكارا چاقىرىلىدىغان ئالاقىلىشىش تېلېفونىدىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ ھەمدە شۇ جايدىكى تاراتقۇلار يەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ ئۈندىدار سالونىغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىپ، ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك.

ئىككىنچى قەدەم: ئىلتىماس قىلىش

پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى ۋاكالىتەن سېتىپ بېرىدىغان ئورۇن ياكى شەخسلەر ئالاقىدار ماتىريال ياكى شەخسىي ماتېرىياللارنى تەييارلاپ، تىزىملىتىش كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئىچىدە بەلگىلەنگەن جايغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشى ۋە ماتېرىيال تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى ھەم يىغىنغا قاتنىشىش سالاھىيەتنامىسى ئېلىشى كېرەك.

ئۈچىنچى قەدەم: چاقىرىققا قاتنىشىش

يىغىنغا قاتنىشىدىغان تىزىمغا ئالدۇرغۇچىلار يىغىنغا قاتنىشىش سالاھىيەتنامىسى ئېلىشى، پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ خىزمەتچىلىرى تىزىملىغاندىن كېيىن يىغىن مەيدانىغا كىرىشى كېرەك، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە تىزىمغا ئالدۇرمىغانلارنىڭ يىغىنغا قاتنىشىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ. يىغىنغا تىزىمغا ئالدۇرۇش، نەق مەيداندا تونۇشتۇرۇش، نەق مەيداندا چەك تارتىش، نەق مەيداندا ئورۇن تاللاش، ۋىۋىسكا ۋە ئادىرىسىنى تاللاش، نەق مەيداندا ئىمزا قويۇپ بېكىتىش، نەق مەيداندا نەتىجىنى ئېلان قىلىشتىن ئىبارەت ئالتە ھالقىغا بۆلۈنىدۇ.

تۆتىنچى قەدەم: يازما دوكلات سۇنۇش

پونكىت تەسىس قىلىش ئادرېسى بېكىتىلگەندىن كېيىن، نامزات ياكى زاپاس نامزات شۇ جايدىكى پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە ئۆزى ئىمزا قويغان يازما دوكلاتنى تاپشۇرۇشى، شۇ جايدىكى پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ ئۆلچەپ، ئالدىن پونكىت ئادرېسى تەسىس قىلىشىنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. ھەر بىر نامزات ۋە زاپاس نامزاتنىڭ ئالدىن بېكىتىلگەن بېكەت ئادرېسىنىڭ مۇددىتى 10 تەبىئىي كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

بەشىنچى قەدەم: تىزىملىتىش پونكىتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش.

ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، نامزاتلار (زاپاس نامزاتلار) بەش خىزمەت كۈنى ئىچىدە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئېلىپ شۇ جايدىكى (ئوبلاست، شەھەر) پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ، بەلگىلىمە بويىچە سېتىش ئۈسكۈنىلىرى كاپالەت سوممىسى تاپشۇرىدۇ، ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇنقى تەربىيەلەش، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتلىرىنى بېزەش، تەستىقلاپ ئەنگە ئېلىش قاتارلىق تەرتىپلەردىن كېيىن، پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتىنى رەسمىي ساتسا بۇلىدۇ.

كونكرېت تەپسىلاتىنى شۇ جايدىكى (ئوبلاست، شەھەر) پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدىن سورسىڭىز بۇلىدۇ.


قوشۇمچە: ئاپتونوم رايونلۇق پاراۋانلىق لاتارىيەسى سېتىش پونكىتى ئىلتىماس قىلىش خىزمەت مەسئۇل كىشىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى

5.png

分享到: