新闻详情

بەدەنىمىزدىكى بىلىملەر

发表时间:2021-02-20 11:47作者:ئەلكۈيى来源:تىڭشۈن

640-24.gif640-59.png

1. دۇنيادا پەقەت %1 ئادەم ئەرلەرگە قىزىقمايدۇ، ئاياللارغىمۇ قىزىقمايدۇ.

021719335817200010953168.jpg

2. ھەربىر ئادەمنىڭ تىلىنىڭ ئىزى ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ.

021820533823800010953168.jpg

3. ئېغىزىڭىزدىكى باكتېرىيە دۇنيا ئومۇمىي نوپۇسىدىنمۇ كۆپ، سۆيۈشكەندە تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ.

021820533137100010953168.jpg

4. سىزدە بىر كۈندە 300 مىڭدىن 600 مىڭغىچە ئۆلگەن تېرە دانىچىلىرى پەيدا بولىدۇ، يەنى ئۆيىڭىزدىكى چاڭ-توزانلار ئەمەلىيەتتە بەدىنىڭىزدىن چۈشۈپ كەتكەن تېرىلەر.
5. تېنىڭىزدىكى تۆمۈر ئېلېمېنتىدىن تۆت سانتىمېتىرغا يېقىن ئۇزۇنلۇقتا مىخ ياسىغىلى بولىدۇ.
6. ئادەم ھاياتىدا ئ‍ېغىزىدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 25 مىڭ لىتىر شۆلگەي ئاجرىلىپ چىقىدۇ، بۇ شۆلگەيلەر ئېغىز بوشلۇقىنى باكتېرىيەنىڭ زىيىنىغا ئۇچراتمايدۇ، بۇ سانلىق مەلۇمات بولسا ئىككى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدىكى سۇ بىلەن ئوخشاش كۆپ. دېمەك، ئادەم ھاياتىدا پەيدا قىلغان شۆلگەي ئىككى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنى تولدۇرۇشقا يېتىپ ئاشىدۇ.

7. ئەگەر سىز ۋېنا تومۇرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى يايسىڭىز، ئۇزۇنلۇقىدا يەر شارىنى ئىككى يېرىم قېتىم ئايلانغىلى بولىدۇ.

021820533145100010953168.jpg

8. تىرناق چۈرۈكلەشسە ھەمدە تىرناقتىكى يايسىمان شەكىل روشەن بولمىسا، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنىڭ نورمالسىزلىقىنى ئىپادىلىشى مۇمكىن.
9. قان تىپى تۆت خىل ئەمەس، بەلكى 29 خىل! بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاز ئۇچرايدىغىنى A3 ئىككىلەمچى قان تىپى.
10. ئىككى قولىنىڭ ئون بارمىقىنى گىرەلەشتۈرگەندە، سول قولىنىڭ باش بارمىقى ئ‍ۈستىدە بولسا، ھېسسىيات بۆلۈنمىسى ئەقىل بۆلۈنمىسىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ. ئ‍وڭ قولىنىڭ باش بارمىقى ئ‍ۈستىدە بولسا، ئ‍ەقىل بۆلۈنمىسى ھېسسىيات بۆلۈنمىسىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ.

021820533152700010953168.jpg

11. قېنىمىز بىر كۈندە 19 مىڭ 312 كىلومېتىر مۇساپىنى باسالايدۇ.
12. ئادەم بەدىنىدىكى بارلىق نېرۋىلارنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 75 كىلومېتىر كېلىدۇ.

021820533998200010953168.jpg

13. ئادەم كۈنىگە تەخمىنەن 20 مىڭ قېتىم نەپەس ئالىدۇ.
14. چاچنىڭ ئۆسۈشى ناھايىتى تېز بولۇپ، بىر يىلدا تەخمىنەن 15 سانتىمېتىر ئۆسىدۇ.

15. دۇنيادىكى ھەممە ئادەمنىڭ كىرپىكىدە دېگۈدەك ئالاھىدە كانا بولىدۇ، مەسىلەن سازاڭسىمان كانا دېگەندەك.
16.ئادەمنىڭ كۆزى 10 مىليون خىلدىن ئارتۇق ئوخشىمىغان رەڭلەرنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ، لېكىن چوڭ مېڭە ھەممىنى ئ‍ەستە ساقلاشقا ئ‍امالسىز.
17.بۇرنىڭىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى باش بارمىقىڭىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ.

18. سائەت 12دىن ئاشقاندا ئۇخلىمىسا ئاياللار ئەرلىك ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، بۇ بەلكىم «ئايال ئەزىمەتلەر»نىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن.
19. ئادەم بەدىنىدە ھەر يىلى تەخمىنەن بىر مىليون تېرە ھۈجەيرىسى زىيانغا ئۇچرايدۇ، تەخمىنەن ئېغىرلىقى ئىككى كىلوگىرام كېلىدۇ.

021820534857200010953168.jpg

20. بىر كىۋادرات سانتىمېتىر كېلىدىغان تېرىدە تەخمىنەن 100 دانە ئاغرىق سېزىش نېۋرونى بار.
21. ئەرلەرنىڭ تىلىنىڭ سىرتقى يۈزى ئاياللارنىڭكىدىن كىچىك بولىدۇ، شۇڭا تەم سەزگۈسىمۇ نىسبەتەن ناچار بولىدۇ.

021820535494500010953168.jpg

22. ئىنسانلار ئۆمرىدە تەخمىنەن بەش يىل ۋاقتىنى كۆزنى يۇمۇپ ئېچىشقا ئىشلىتىلىدۇ، ھېلىمۇ ياخشى بىز شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىۋالىمىز.

021820534479900010953168.jpg

23. ئىنسانلارنىڭ يۈرىكى پەيدا قىلغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىر ئاپتوموبىلنى ھەرىكەتلەندۈرەلەيدۇ. نورمال قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ھەر مىنۇتلۇق يۈرەك سوقۇشى 60 قېتىمدىن 100 قېتىمغىچە، يۈرىكىڭىز ھەر كۈنى يېتەرلىك ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىپ، بىر توكلۇق ئاپتوموبىلنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ 30 كىلومېتىر يول يۈرەلەيدۇ.
24. ئادەم بەدىنىدىكى DNAدىكى بارلىق ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 16 مىليارد كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئەگەر ئادەم بەدىنىدىكى بارلىق ھۈجەيرىلەردىكى DNA يېشىۋېتىلسە، ئۇ 16 مىليارد كىلومېتىرغا سوزۇلىدۇ. بۇ سان يەر شارى بىلەن ئاي شارى ئارىلىقىنىڭ 4000 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.
25. بەزى كىشىلەر تىلىنى ئۈچقۇلاق ئوتى شەكلىدە يۆگىيەلەيدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ ھەقىقەتەن ئاز ئۇچرايدىغان ئىقتىدار.

021820534831100010953168.jpg

26. بەزى كىشىلەر بۇرۇنقى ئ‍ىشلارنىمۇ خۇددى تۈنۈگۈنكى ئ‍ىشنى ئەسلىگەندەك ھەممە ئىشنى ئېنىق سۆزلىيەلەيدۇ. بۇ «دەرىجىدىن تاشقىرى ئاۋتوبىيوگرافىك خاتىرە» ياكى «دەرىجىدىن تاشقىرى ئەسلەش كېسىلى» دەپ ئاتىلىدۇ، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا مەلۇم بولغان بىماردىن تەخمىنەن 60 نەپىرى بار.

021820534886800010953168.jpg

27. ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە، تاماقتىن ئۆزىنى تۇتۇش چوڭ مېڭىنىڭ ئۆزىنى يۇتۇۋېلىشىنى، يەنى تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭىدىكى نېۋرونلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھۈجەيرە ئەزاسى ۋە ئاقسىلىنى يۇتۇۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. شۇڭا تاماقتىن پەرھىز تۇتۇپ ئورۇقلاشتىن ساقلىنىڭ، بولمىسا كاللىڭىز «يوقاپ كېتىدۇ».
28. ئوغۇللار دىققەت: بەدەنگە زىيىنى ئەڭ چوڭ تاماكا چېكىش ئۇسۇلى بولسا بىر تەرەپتىن تاماكا چېكىپ بىر تەرەپتىن سۇ ئىچىشتۇر.

021820534854300010953168.jpg

29. ئادەم بەدىنى ۋە بەدەن سىرتىدا تەخمىنەن 10 مىڭ خىل مىكرو ئورگانىزم ياشايدۇ، بۇ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ %1 ~ %3ىگە توغرا كېلىدۇ.
30. ئادەم بەدىنى ھەر كۈنى بىر لىتىر شۆلگەي، بىر لىتىر ئۆت سۇيۇقلۇقى، 3.5 لىتىر ئۈچەي سۇيۇقلۇقى ۋە ئۈچ لىتىر ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

021820534947800010953168.jpg

31. توختىماي ھېق تۇتۇشنى ياخشىلاشنىڭ پەقەت بىرلا خىل ئۇسۇلى بار، ئۇ بولسىمۇ بىر قوشۇق شېكەرنى يۇتۇۋېتىش. ياخشىلىنىش نىسبىتى: %95 بولىدۇ.
32. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئەڭ ياخشى ۋاقىت ئەتىگەندە ئەمەس، بەلكى كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن. چۈنكى كۆپ ساندىكى خاتىرىنىڭ كۈچىيىش جەريانى ئۇخلاش جەريانىدا يۈز بېرىدۇ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئوقۇغان ھەرقانداق نەرسە كودلاشتۇرۇپ ئۇزاق مۇددەتلىك خاتىرىگە ئايلاندۇرۇلۇشى مۇمكىن.

33. سول كۆز بايلىق، ئوڭ كۆز ئاپەتمۇ؟ كۆز قاپىقىنىڭ تارتىشى چارچاش، تەشۋىشلىنىش، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان كۆز ئەتراپىدىكى مۇسكۇللارنىڭ تارتىشىپ قېلىشىدۇر، بۇنىڭ قاپاق تارتىش بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق.
34. كۆرۈش، ئاڭلاش، تەم، پۇراش، تېگىش سېزىمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئادەم بەدىنىدىكى بەش چوڭ سەزگۈ ئەزاسىنىڭ مۇھىم فۇنكسىيەسى بولۇپ، ئادەم ئۆلۈمگە يۈزلەنگەندە، ئەڭ ئاخىرىدا مەھرۇم بولىدىغىنى ئاڭلاش سېزىمى بولىدۇ.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



分享到: