新闻详情

ئامەتلىك ۋاڭ ئەپەندى 500000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-02-07 12:56作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

يىڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، يېڭى يىلدا يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى....جىمىسار ناھىيەسى قىزىل بايراق باش مەيدانىدىكى ۋاڭ ئەپەندىنىڭ ئامىتى كىلىپ 10 يۈەنلىك «شىنچۇ» مۆچەل بېلەتنىڭ باش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 500000 يۈەن بولدى.

ئىگىلىنىشىچە، ۋاڭ ئەپەندى ئارام ئالغاندا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ بىر نەچچە تال «قوش رەڭلىك توپ» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى ياكى بىر نەچچە تال «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدىكەن، بىرىنچىدىن، تەلىيىنى سىناپ باقىدىكەن، ئىككىنچىدىن، ئۆزىنىڭ ئاددىي تۇرمۇشىغا ئازراق خۇشاللىق قۇشىدىكەن. 1-ئاينىڭ 18-كۈنى، ۋاڭ ئەپەندى ئادەتتىكىگە ئوخشاش پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كەلدى، ئۇ «شىنچۇ» بىر قاتار مۆچەل بېلەتلىرىنىڭ مۇكاپات ئېچىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن ۋاڭ ئەپەندى نەچچە ئون يۈەنلىك «شىنچۇ كالىسى» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، ئويلىمىغان يەردىن ئەڭ ئاخىرقى ئىككى پارچىسىگە كەلگەندە، ئۇ تۇيۇقسىز لاتارىيە بېلىتى يۈزىدىكى «مېنىڭ نومۇرۇم» دە «15» دېگەن رەقەمنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ۋە «مۇكاپات نومۇرى» غا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقىدى، «مېنىڭ نومۇرۇم» نىڭ ئاستىدىكى ماس مۇكاپات سوممىسى 250000 يۈەن ئىدى! بۇ قېتىمقى مۇكاپات تارقىتىش پائالىيىتىنىڭ قائىدىسىگە ئاساسەن، ئۇ يەنە 250000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 500000 يۈەن بولدى، ئامەت مۇشۇنداق ئۈن-تىنسىز ھالدا ۋاڭ ئەپەندىنىڭ ئۈستىگە چۈشتى.

مۇكاپات ئالغاندا، ۋاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى:«پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ مەن ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن يېڭى يىللىق كاتتا سوۋغىسىغا رەھمەت، بۇ ھەقىقەتەن ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىدىغان ۋە خۇشال قىلىدىغان ئىش، تېخىمۇ مۇھىمى يېڭى بىر يىلدا مېنىڭ ئىشىلىرىمنىڭ ئۇڭۇشلۇق بۇلۇپ كېتىشىدىن دېرەك بېرىدۇ!»-دېدى.

6.png

分享到: