新闻详情

يىل ئاتلاپ دەم ئېلىشقا بولامدۇ؟

发表时间:2021-02-20 11:57作者:ئەلكۈيى来源:خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى

640-24.gif640-59.png

ئوقۇرمەنلەردىن كەلگەن خەت

تەھرىر ياخشىمۇ سىز!

مەن بىر شىركەتنىڭ سېتىش خادىمى، شىركەت ھەر يىلى 15 كۈنلۈك مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشنى بەلگىلىگەن، 2020-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، خىزمەت بېسىمى ئېغىر بولغاچقا، دەم ئېلىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم. يىل ئاخىرىدا دەم ئېلىشنى ئويلىغاندا، يەنە يىل ئاخىرىدا دەم ئېلىشنى ئويلايدىغانلار بەك كۆپ بولۇپ قالدى، خىزمەتنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىركەت تەستىقلىغان يىللىق دەم ئېلىشقا بولىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سانى ئاز بولۇپ قالغاچقا، مەن يەنە دەم ئالالمىدىم.

چاغان مەزگىلىدە، مەن بۇلتۇر دەم ئالمىغان يىللىق دەم ئېلىشنى تولۇقلاپ ئالماقچى بولۇپ، خىزمەتچىلەر تارماقلىرىنىڭ پىكرىنى ئالغاندا، خىزمەتچىلەر ئىشلىرى مەسئۇلى ماڭا، شىركەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، دەم ئېلىپ بولالمىغان يىللىق دەم ئېلىشنىڭ كېلەر يىلى ئۆزلۈكىدىن يوق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى، سوراپ باقسام، بۇ بەلگىلىمە قانۇنلۇقمۇ؟ ئەگەر ئېشىپ قالغان يىللىق دەم ئېلىشتا دەم ئېلىشقا ئامال بولمىسا، شىركەت مائاش تولۇقلىمىسى بېرەلەمدۇ؟

بېيجىڭدىن شياۋجاڭ

جاۋاب خەت

شياۋجاڭ ياخشىمۇ سىز!

«ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش ئېلىپ تۇرۇپ يىللىق دەم ئېلىش نىزامى»دا، ئورۇنلار ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. ئىشچى-خىزمەتچىلەر يىللىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە نورمال خىزمەت مەزگىلىدىكىگە ئوخشاش مائاش كىرىمىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئورۇنلار ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەتنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن ھەمدە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆز ئارزۇسىنى ئويلىشىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق دەم ئېلىشىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىدۇ. يىللىق دەم ئېلىش بىر يىل ئىچىدە مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇلسىمۇ، باسقۇچقا بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلسىمۇ بولىدۇ، ئادەتتە يىل ئاتلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ. ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت ئالاھىدىلىكى تۈپەيلىدىن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى يىل ئاتلاپ يىللىق دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، بىر يىل ئاتلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ.

ئورۇنلار ھەقىقەتەن خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى يىللىق دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرالمىسا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى يىللىق دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرمىسىمۇ بولىدۇ. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ دەم ئالمىغان يىللىق دەم ئېلىش كۈن سانىغا قارىتا، ئورۇن شۇ ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ كۈندىلىك مائاش كىرىمىنىڭ %30 ى بويىچە يىللىق دەم ئېلىش مائاشى بېرىشى كېرەك.

شۇڭا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق دەم ئېلىشتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش − ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىلەرنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك بولغان ئاساسىي ھوقۇق-مەنپەئەتتۇر. سىزنىڭ بايانىڭىزغا ئاساسلانغاندا، شىركەت دەم ئېلىپ بولالمىغان يىللىق دەم ئېلىشنى كېيىنكى يىلى ئاپتوماتىك نۆللەشتۈرۈشنى بەلگىلىگەن، بۇ بەلگىلىمە قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس. شىركەت بۇ يىل ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى يىللىق دەم ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرالمىسا، كېيىنكى يىلى ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ. ئەگەر يىللىق دەم ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇرالمىسا، ئەمگەكچىگە مائاش تولۇقلىمىسى بېرىش كېرەك.

بېيجىڭ شەھىرى شىننو ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى شى شياۋفېڭ


تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟




分享到: