新闻详情

بۇلار قانۇنسىز تەشكىلات

发表时间:2021-02-20 12:05作者:ئەلكۈيى来源:中国维吾尔语广播CNR

640-24.gif640-59.png


18-فېۋرال، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 2021-يىللىق تۇنجى تۈركۈمدىكى قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە قايمۇقتۇرۇش خاراكتېرىگە ئىگە «جۇڭگو پىدائىيلار جەمئىيىتى»، «جۇڭگو رايون-بۆلەكلەر زەنجىرى كومىتېتى» قاتارلىق ئاڭلىماققا تونۇشتەك بىلىنىدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئاز ئەمەس.

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىش، تۈزەش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، زور بىر تۈركۈم قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلدى، لېكىن، بەزى تەشكىلاتلار ۋە خادىملار يەنىلا قانۇننىڭ قىزىل سىزىقىغا پەرۋا قىلماي، قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلەر بىلەن داۋاملىق شۇغۇللانماقتا. زەربە بېرىش، تۈزەش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىش، جەمئىيەتنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ھازىر ئون قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىمىز.

2021-يىلى تۇنجى تۈركۈمدە ئېلان قىلىنغان قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئىسىملىكى

1. جۇڭگو ئېستېتىكا تەتقىقات جەمئىيىتى

2. جۇڭگو رايون-بۆلەكلەر زەنجىرى كومىتېتى

3. جۇڭگو-ئافرىقا مەدەنىيەت دوستلۇق جەمئىيىتى

4. جۇڭگو ۋەتەنپەرۋەر ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى

5. جۇڭگو پىدائىيلار جەمئىيىتى

6. جۇڭگو مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى كومىتېتى

7. خەلقئارا جۇڭگولۇقلار سەنئەت جەمئىيىتى

8. جۇڭگو پارتىيە تارىخى تەتقىقات جەمئىيىتى

9. جۇڭخۇا يۈ جەمەتى ئۇرۇق-تۇغقانلار بىرلەشمىسى

10. جۇڭگو كۆپكە ماھىر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش جەمئىيىتى

بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئىچىدە، قايمۇقتۇرۇش خاراكتېرىگە ئىگە «جۇڭگو پىدائىيلار جەمئىيىتى»مۇ بار. «مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش سۇپىسى»دىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە تىزىمغا ئالدۇرغان مەملىكەت خاراكتېرلىك مۇنتىزىم پىدائىيلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىدىن جۇڭگو مېيىپلارغا ياردەم بېرىش پىدائىيلار جەمئىيىتى، جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەت پىدائىيلار جەمئىيىتى، جۇڭخۇا پىدائىيلار جەمئىيىتى ھەمدە جۇڭگو ياش پىدائىيلار جەمئىيىتى قاتارلىقلار بار ئىكەن. ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تىزىملىكتە ئېلان قىلىنغان قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا، «رەسمىي قىياپەتتە قاقتى-سوقتى قىلىش» ھادىسىلىرى بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ، ئۇلار كىشىلەرگە تونۇش ئىسىملارنى ئىشلىتىپ ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋېلىپ، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ.

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا «قىلچە يول قويماي»، زەربە بېرىش سالمىقىنى داۋاملىق ساقلاپ، توردا چارلاپ تەكشۈرۈش ۋە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تور سىرتى بىلەن توردا ماس قەدەمدە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا پائالىيەت بوشلۇقى قالدۇرمايدۇ. يەنە ئالاقىدار تارماقلارغا خاراكتېرى قەبىھ، قايتا ـ قايتا تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرمەيدىغان قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ قۇرغۇچىلىرىنى قانۇنغا خىلاپ ئالاقە تور بېكىتى (قۇرغۇچى) قارا تىزىملىكىگە قانۇن بويىچە كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.

ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ راست-يالغانلىقىنى قانداق پەرقلەندۈرىمىز؟

ئىگىلىنىشىچە، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى تىزىملىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى دەل ۋاقتىدا توپلاشنى ئىشقا ئاشۇرغان، جەمئىيەتتىكى ئامما ئالاقىدار تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقاندا ئۇنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ تىزىملاش ئۇچۇرلىرىنى جۇڭگو ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى، جۇڭگو ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ھەرىكەتچان ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۈندىدارى، دۆلەت ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار قانۇنىي ئىگە ئامبىرى كىچىك پىروگراممىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق توردا تەكشۈرگىلى بولىدۇ.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



分享到: