新闻详情

ئۇيقۇسىزلىقنى قانداق قىلىش كېرەك

发表时间:2021-02-20 12:12作者:ئەلكۈيى来源:天山网

640-24.gif640-59.png




ئۇيقۇسىزلىقنى يىلتىزىدىن ساقايتىش ناھايىتى قىيىن، نۇرغۇن ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار پەقەت ئۇيقۇ دورىسى، مېلاتونىن قاتارلىق دورىلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇخلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، لېكىن بۇ دورىلارنىڭ كۆپىنچىسى ھادىسىدىن تۈزىسىمۇ ماھىيەتتىن تۈزىيەلمەيدۇ، ئۇزۇن مۇددەت ئىچىشكىمۇ ماس كەلمەيدۇ. ئۇنداقتا ئۇيقۇسىزلىقنى قانداق قىلىش كېرەك؟ بولمىسا تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ.

دىققەتنى بۇراش

ئەگەر سىز خېلى ئۇزۇن يېتىپمۇ ئۇخلىيالمىسىڭىز، ئۇنداقتا داۋاملىق يېتىۋەرمەي، ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ باشقا ئىشلارنى قىلسىڭىز بولىدۇ، مەسىلەن، بىر پارچە ياخشى ماقالە ئوقۇش، رىتىمى ئاستا بولغان بىر كىنو كۆرۈش تاكى ئۇيقۇسىراش ھېس قىلغانغا قەدەر، ئاندىن كارىۋاتقا چىقىپ ئۇخلىسىڭىز بولىدۇ. بولمىسا ئىزچىل كارىۋاتتا يېتىپ ئۇخلىيالمىسا، ئادەمدە بەلگىلىك روھىي بېسىم پەيدا بولۇپ، بىر قاتار ناچار كەيپىيات پەيدا قىلىپ، ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

جۇڭگو تېبابىتىنىڭ نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش دورىسى

جۇڭگو تېبابىتىدە ئۇيقۇسىزلىق بۆرەك قۇۋۋىتى يېتىشمەسلىك ۋە قان يېتىشمەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ، ئۇيقۇسىزلىقنى داۋالايدىغان جۇڭيى دورىلىرىمۇ كۆپىنچە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ، قاننى جانلاندۇرۇپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇزۇن مەزگىل ئۇيقۇسىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلار بىر قىسىم ساقلىقنى ساقلاش دورىلىرىنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئۇخلاش ئەھۋالىنى ياخشىلايدۇ.

نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇپ مېڭە قۇۋۋەتلەش سۇيۇقلۇقى يۇمران بۇغا مۈڭگۈزى قاتارلىق كۆپ خىل تەملىك جۇڭيى دورىلىرىدىن ياسىلىدۇ، ئۇ دۆلەت ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇندەرىجىسىدىكى B تۈردىكى دورا بولۇپ، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئۇنتۇغاقلىق قاتارلىقلارنى ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ.

ئۆمرىمىزنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم ۋاقتى ئۇيقۇ ئىچىدە ئۆتىدۇ، ئۇيقۇ ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر تۈرلۈك فىزىيولوگىيەلىك پائالىيەت. ئۇيقۇغا توغرا مۇئامىلە قىلىشىمىز، بولۇپمۇ ئۇيقۇسىزلانغاندا روھىي ھالىتىمىزنى تەڭشەپ، ئاكتىپ ياخشىلىشىمىز، زىيادە تەشۋىشلىنىش ۋە بىئارام بولۇشتىن ساقلىنىپ، ئۇيقۇسىزلىقنىڭ بەدەن ۋە تۇرمۇشقا بولغان تەسىرىنى ئىمكانقەدەر ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشىمىز كېرەك.


تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



分享到: