新闻详情

شياۋمى شىركىتىنىڭ يېڭى يانفونى

发表时间:2021-02-20 13:19作者:ئەلكۈيى来源:توۋتياۋ

640-24.gif640-59.png


ھەممە تەرەپلىك ئېكران يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئەقلىيفون زاۋۇتلىرى ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىۋاتقان ساھە بولۇپ، بۇ ساھەدە ئەقلىيفون زاۋۇتلىرى بەس-بەستە بارلىق ئاماللارنى ئىشقا سېلىپ، ئەقلىيفوننىڭ ئېكران ئىگىلەش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. بۈگۈنكى كۈندە %100لىك ئېكران ئىگىلەش نىسبىتى دەپ ئاتالغان لايىھە بارلىققا كەلدى، بىراق تېخنىكىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقۇرى بولغاچقا، بۇ لايىھەلەر تېخى ئاساسىي ئېقىم لايىھەسىگە ئايلانغىنى ھەمدە تېخى كەڭ تارقالغىنى يوق. ئەقلىيفون زاۋۇتلىرىئېكران ئىگىلەش نىسبىتىنى قوغلىشىشتىن باشقا، ئېكران يۈزى ئۈزلۈكسىز چوڭايتىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئەقلىيفوننىڭ ھەجمىنى ئەسلى ھالەتتە ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ.

小米全新MIX α P曝光,卷轴屏+折叠屏+环绕屏

شۇنىڭ بىلەن قاتلانما ئېكران، ئايلانما ئېكران ۋە يۆگىمە ئېكران بارلىققا كەلگەن بولۇپ، بۇ خىل غەيرىي شەكىللىك ئېكراننى تىلغا ئالغاندا شياۋمىنى يانفونى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ بىر تەرەققىي تېپىۋاتقان ئەقلىيفون زاۋۇتى بولۇپ، شياۋمىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. MIX سىستېمىسىنى ئېلىپ ئېيتقاندا، MIX سىستېمىسىدىن كېيىن پۈتكۈل ئەقلىيفون كەسپى ھەقىقىي تۈردە ئومۇميۈزلۈك ئېكران دەۋرىگە كىردى، MIX سىستېمىسىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان شۇنداق بىر يانفون بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ MIX α، يەر شارى بويىچە تۇنجى ئايلانما ئېكرانلىق يانفون، گەرچە بۇ يانفون ئەپسوسلىنارلىق ھالدا ئىشلەپچىقىرىلىپ بازارغا سېلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن بىزگە ئەقلىيفوننىڭ يېڭى يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

小米全新MIX α P曝光,卷轴屏+折叠屏+环绕屏

گەرچە MIX α ئىشلەپچىقىرىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما شياۋمىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشى بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمايدۇ، يېقىندا ئاخبارات ۋاستىلىرى شياۋمىنىڭ يېڭى تىپتىكى يانفوننىڭ تەشۋىقات سۈرىتىنى ئاشكارىلىدى. MIX α Pنىڭ سۈرىتىگە قارايدىغان بولساق، MIX α P بىلەن MIX α نىڭ شەكلى ئوخشىمايدىغان بولۇپ، MIX αنىڭ ئېكرانى بولسا ئايلانما ئېكران، MIXPنىڭ ئېكرانى بولسا يۆگىمە ئېكران قىلىپ لاھىيەلەنگەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ شەكلى كۆپچىلىك بۇرۇن كۆرگەن OPPO X2021 ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، بىرلەشتۈرۈلسە نورمال يانفون بىلەن ئوخشاش چوڭلۇقتا بولىدۇ، يايغاندىن كېيىن تاختا كومپيۇتېر بىلەن ئوخشاش چوڭلۇقتا بولىدۇ. ئۇنىڭ يېيىلىش شەكلى يۆگىمە ئوقنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۇ يۆگەلمە ئوقلۇق ئېكران دەپ ئاتىلىدۇ، شياۋمىنىڭ MIX α Pنىڭ ئېكرانى بولسا ئاددىي يۆگىمە ئېكران ئەمەس، بۇ يانفونغا شياۋمى شىركىتىنىڭ يېڭى ئويى قوشۇلغان.

小米全新MIX α P曝光,卷轴屏+折叠屏+环绕屏

MIX α Pنىڭ ئۈچ خىل شەكلى بار، ئەڭ كىچىك بىر خىل شەكلى ئادەتتىكى ئەقلىيفوندىنمۇ كىچىك بولۇپ، يەنى يۆگىمە ئوق ئەڭ كىچىك ھالەتكە كەلگەندىن كېيىن MIX α Pنى يەنە بىر قېتىم قاتلىغىلى بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ناھايىتى كىچىك بىر يانفون شەكىللىنىدۇ، گەرچە شەكلى بۇنداق كىچىك بولسىمۇ، ئەمما ئۈچ تەرىپىدە ئېكران بار بولىدۇ. بۇنداق بىر خىل يانفوننىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىسى ئېكراننى قانداق قوغداش مەسىلىسى بولۇشى مۇمكىن، بۇنداق كىچىك لايىھەلەنگەن يانفون ئەمەلىيەتتە MIX α بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئايلانما ئېكرانلىق يانفون دەپ ئاتىلىدۇ.

小米全新MIX α P曝光,卷轴屏+折叠屏+环绕屏

بۇ خىل شەكىلدىن باشقا، يۆگەلمە ئوقنىڭ ھالىتى ۋە يېيىلما ئوقنىڭ ھالىتى تېخى ئېچىلمىغان بولۇپ، يۆگىمە ئوقنىڭ شەكلى پۈتۈن يانفون بىلەن نورمال يانفوننىڭ ئانچە چوڭ پەرقى يوق. MIX α Pنى ئەمەلىيەتتە ئايلانما ئېكران، قاتلانما ئېكران ۋە يۆگىمە ئېكراننىڭ بىرىكمىسى دېيىشكە بولىدۇ، ئۈچ خىل ئېكران ھالىتى بۇ يانفوندا قوللىنىلغان.

小米全新MIX α P曝光,卷轴屏+折叠屏+环绕屏

ئەلۋەتتە، بۇ خىل يانفون ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئىشلەپچىقىرىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇمۇ شياۋمىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ، كەلگۈسىدە چوقۇم تېخىمۇ كۆپ ئۆزگىچە ئېكران شەكلى بارلىققا كېلىدۇ.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟



分享到: