新闻详情

ھەممە ئىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار-ئۇ 100 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

发表时间:2021-02-08 11:02作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

« ھەممە ئىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى بار! » بۇ ئېلان سۆزى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان سۆز بولۇپلا قالماستىن، ئەمەلىيەتتە دۇنيادىكى ئىشلارنىڭ ئېنىقسىزلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشمۇ شۇنداق، كىممۇ لاتارىيەچى شياۋۋاڭنىڭ پەقەت تۆت پارچە «تاۋ جىن ۋاڭ» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، 100 مىڭ يۈەنلىك مۇكاپاتقا ئېرىشدۇ دەپ ئويلاپ باققان؟

2021 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، فۇكاڭ شەھىرى قىش كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ قارنى كۈتۈۋالدى، قارنىڭ قېلىنلىقى 22 سانتىمېتىرغا يەتتى. شۇ كۈنى كەچ سائەت 23 تە، بىر كۈن ئالدىراش ئىشلىگەن شياۋۋاڭ ئىشتىن چۈشتى، جىمجىت كوچا تولىمۇ زېرىكىشلىك ئىدى، پەقەت كوچا دوقمۇشىدا دائىم بارىدىغان 65238035 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدا بىر نەچچەيلەننىڭ ۋاراڭ ـ چۇرۇڭ قىلغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. شياۋۋاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ، ئادەتتىكىگە ئوخشاش قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى كۆرگەزمە ئىشكاپى ئالدىغا كېلىپ، بىر نەچچە تال قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، تەلىيىنى سىناپ باقماقچى بولۇپ، قىممىتى بەش يۈەنلىك «تاۋ جىن ۋاڭ» دىن تۆتنى تاللاپ، ئەستايىدىللىق بىلەن قىرىشقا باشلىدى.

ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە «تاۋ جىن ۋاڭ» قىرىۋاتقاندا، شياۋ ۋاڭ كۈلۈپ تۇرۇپ مال ساتقۇچىغا مۇنداق دېدى:« بۇ لاتارىيە خۇددى ئۇنىڭ بېلەت نامىغا ئوخشاش، ماڭا كاتتا مۇكاپات ئېلىپ كىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!»-دېدى، ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ سۆزى ئاخىرلىشىشى بىلەنلا، بۇ لاتارىيە بېلەتتىن كاتتا مۇكاپات چىقتى، شياۋ ۋاڭ كۆزىگە ئىشەنمەي، دەرھال بۇ لاتارىيە بىلىتىنى ساتقۇچىغا بېرىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ـ ئېرىشمىگەنلىكىگە قاراپ بېقىشنى ئېيتتى. مال ساتقۇچى بۇ لاتارىيە بېلىتىنى قولىغا ئالغاندا، خۇشال بولغان ھالدا شياۋ ۋاڭنىڭ ئىككى قولىنى تۇتۇپ ھاياجانلانغان ھالدا:«مۇبارەك بولسۇن، چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىپسىز، 100000 يۈەنگە ئېرىشىپسىز!»-دېدى، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتتىكى كەيپىيات بىردىنلا قىزىپ كەتتى، كۆپچىلىك بەس ـ بەستە شياۋۋاڭغا ھەۋەس بىلەن قاراشتى.

مۇكاپات ئالغاندا، شياۋ ۋاڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: « قېلىن ياققان قار مول ھوسۇلدىن دېرەك بەردى، بۇ قېلىن قار ماڭا 100000 يۈەن ئامەت ئېلىپ كەلدى!»-دېدى.

15.png

分享到: