新闻详情

لاتارىيەنى پايدا ئېلىپ پۇل تېپىشنىڭ يولى قىلماسلىقىمىز كېرەك

发表时间:2021-02-08 18:13作者:ئەلكۈيى تورى来源:شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە تارقىتىش مەركىزى

كونىلاردا« بىر قېتىم كۈلسەڭ، ئون ياش ياشىرىسەن» دېگەن گەپ بار. ھەر كۈنى ياخشى كەيپىياتنى ساقلاش جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئىنتايىن پايدىلىق.

يېقىندا، «كىچىك لاتارىيەچى يىگىت» شياۋ جاڭ بىر قېتىملىق 10 كىشىلىك كۆلەمدىكى «شادلىق 8» ئويۇنىنى بىرلىشىپ سېتىۋېلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. شياۋجاڭنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا: « كۆڭۈل ئېچىش، خۇشال بولۇش»ئۈچۈن . «شادلىق 8» ئۇيۇنى 1 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى شىنجاڭدا بازارغا سالغاندىن بۇيان، قومۇل شەھىرىدىكى بىر توپ لاتارىيەچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى، يېڭى لاتارىيەچىلەر نومۇر تاللاش، دو تىكىش قاتارلىقلارغا قارىتا بىر قۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى، ئۇلار «شادلىق 8» نىڭ مۇكاپاتىنىڭ مول ئىكەنلىكىنى ياقتۇرىدۇ، 5 مىليون يۈەنلىك مۇكاپاتقا جەڭ ئېلان قىلالايدۇ، يېڭى لاتارىيەچىلەر «شادلىق 8» ئۇيۇنىنىڭ ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي، ھەم كۆپ خىل، مۇكاپاتى كۆپ، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشكىلى بۇلىدۇ.

1-ئاينىڭ 14-كۈنى، شياۋجاڭ ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى «شادلىق 8» ئۇيۇنىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق 1000 يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇنىڭغا قارىتا شياۋجاڭ ناھايىتى ھاياجانلاندى، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:«مەن <شادلىق 8> گە دو تىكتىم، ھەر بىر قاراردا چوقۇم نومۇر چۈشۈرۈش كېرەك، 1- ئاينىڭ 6- كۈنى بازارغا سېلىنغاندىن بۇيانقى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بىر ئالاھىدىلىك شۇكى، ھەر بىر قاراردا نومۇر چۈشىدۇ، ئاز بولغاندا 3-4، كۆپ بولغاندا 6-8 دا بولىدۇ، شۇڭا نومۇر تاللىغاندا بىز ئالدى بىلەن نومۇر چۈشۈرۈپ قويىمىز؛ ئۇنىڭدىن كېيىن <ئاخىرقى سان> نى تاللايمىز، « ئاخىرقى سان» دېگەن نېمە؟ « 10، 20، 30» ياكى « 11، 41، 61» دېگەنگە ئوخشاش ئاخىرقى سانلارغا ئوخشاش نومۇرلارغا دو تىكىش كېرەك؛ ئاخىرىدا، «شادلىق 8» گە دو تىككەندە ئەڭ ياخشىسى بىرلىشىپ سېتىۋېلىش كېرەك، كونىلاردا «كۆپنىڭ كۈچى كۆپ» دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ!»-دېدى.

ئەڭ ئاخىرىدا شياۋ جاڭ رەسمىي قىياپەتتە: ـــ «لاتارىيە پەقەت بىر خىل كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنى، ھەرگىزمۇ پايدا ئېلىپ پۇل تېپىشنىڭ يولى ئەمەس. ئادەتتىكى بىر قەلب،   پاراۋانلىق قىلىشتەك ئىدىيەنى ساقلاپ ئاقىلانىلىك بىلەن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش كېرەك، مانا بۇ ساغلام لاتارىيە سېتىۋېلىش ئۇسۇلى!»-دېدى.

16.png

分享到: